ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى ئون ئايدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 362 مىليارد 790 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇننى ساقلىغان. شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا كۆلىمىدە تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، مۇددەتتىن ئىككى ئاي بۇرۇن 2023 - يىلىدىكى پۈتۈن يىللىق سەۋىيەدىن ئاشقان.
ئالدىنقى ئون ئايدا، شىنجاڭنىڭ ئېكسپورت قىممىتى 308 مىليارد 290 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.9 ئاشتى. ئىمپورت قىممىتى 54 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23 ئاشتى. شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسى پۈتۈن مەملىكەت ئۈلۈشىدە ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشنى ساقلىدى، قۇرۇلما خاراكتېرلىك يارقىن نۇقتىلارمۇ ئاز ئەمەس. ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدا جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئورۇنلاشتۇرۇشى تېخىمۇ تەكشى بولۇش، ئۈچ چوڭ تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى بىردەك ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىشنى ساقلاش، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا بازار كېڭەيتىشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ھاسىل قىلىش، ئېچىۋېتىش سۇپىسى كۈچ قوشۇش ئۈنۈمى داۋاملىق كۆرۈنەرلىك بولۇش، يۇقىرى تېخنىكىلىق يۇقىرى قوشۇلما قىممەتلىك ئامىل مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى كۆرۈنەرلىك ئېشىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر نامايان بولغان.
ئالدىنقى ئون ئايدا، شىنجاڭدىكى ئالتە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ تاشقى سودا كۆلىمى 10 مىليارد يۈەنلىك پەللىگە قەدەم قويدى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تاشقى سودا كۆلىمى «ئالدىنقى ئۈچ كۈچلۈك» ئورۇننى ساقلىدى، ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %44.3، %28.7، %13.5 ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئايرىم - ئايرىم %27، %24.6، %17.8ىنى ئىگىلىدى. بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %23، %49.9، %30.8 ئاشتى.
شىنجاڭنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق سىياسەت - تەدبىرلىرى تاشقى سودىنىڭ تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولدى. ئالدىنقى ئون ئايدا، شىنجاڭدىكى پۇقراۋى كارخانىلار، دۆلەت كارخانىلىرى، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %26.8، %46.8، %15.5 ئاشتى. شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى سودا ۋە باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى شەكلىدىكى ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %83.4 ۋە %21 ئاشتى.
ئالدىنقى ئون ئايدا، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ باش ئورۇندا تۇرىدىغان سودا ھەمراھ دۆلىتى قازاقىستان بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.5 ئاشتى؛ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.2 ئاشتى؛ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.2 ئاشتى؛ رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى(RCEP)گە ئەزا باشقا دۆلەتلەر، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %206.4 ۋە %243.7 ئاشتى. بۇنىڭدىن باشقا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى، ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورتنىڭ ئېشىشى كۈچلۈك بولدى.
جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون تاشقى سودىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم موتور بولۇپ قالدى. ئالدىنقى ئون ئايدا، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ جەمئىي ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى 145 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %40.2ىنى ئىگىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، قورغاس، قەشقەر، ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەك رايوننىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى ئايرىم - ئايرىم 69 مىليارد 760 مىليون يۈەن، 43 مىليارد 600 مىليون يۈەن، 32 مىليارد 340 مىليون يۈەن بولدى. قەشقەر، قورغاس، ئالاتاۋ، ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت تۆت ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ جەمئىي ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى 147 مىليارد 690 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.1 ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %40.7ىنى ئىگىلىدى.
ئېكسپورت جەھەتتە، ئالدىنقى ئون ئايدا، ماشىنا - ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام ئېشىشى شىنجاڭ ئېكسپورتىنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى كۈچلۈك ئۆستۈردى، ماشىنا - ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45.4 ئاشتى. ئىمپورت جەھەتتە، شىنجاڭنىڭ مېتال رۇدىسى، ئاشلىق ئىمپورتىدا مىقدار ئېشىش، قىممەت تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈپ، مىس ماتېرىيال ئىمپورتىنىڭ ئاشۇرۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.