شىنجاڭ كۆرسەتمە ئېلان قىلدى
ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئىشلەۋېتىپ كارخانا قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ چۇنخۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى ياخشى يولغا قويۇشىغا يەنىمۇ يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا، شىنجاڭ «ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەپ يېڭىلىق يارىتىش، ئىشلەۋېتىپ كارخانا قۇرۇش ئىشلىرىنى بېجىرىش كۆرسەتمىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «كۆرسەتمە» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى.
«كۆرسەتمە»نىڭ تەتبىقلىنىش دائىرىسى ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى كەسپىي تېخنىكا ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ياكى پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدە بولمىغان پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئۆز ئورنىنىڭ كەسپىي ساھەسى بىلەن يېقىن كېلىدىغان كارخانا، پەن تەتقىقات ئاپپاراتى، ئالىي مەكتەپ قاتارلىقلارغا بېرىپ قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەپ يېڭىلىق يارىتىشى ياكى ئۆزى شۇغۇللىنىدىغان كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك ئىگىلىك تىكلەش تۈرىدىن پايدىلىنىپ، ئىشلەۋېتىپ كارخانا قۇرۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىلتىماس قىلىش تەرتىپى شەخسلەر ئىلتىماس قىلىش، ئورۇنلار تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ئەنگە ئېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ ھالقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇ كىشى يازما ئىلتىماس سۇنغاندىن كېيىن، ئورۇن كادىرلارنى باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە مەسئۇل تارماقنىڭ تەستىقلىشىغا يوللايدۇ، ئورۇننىڭ ئىچكى قىسمىدا ئېلان قىلىش ۋاقتى بەش خىزمەت كۈنىدىن كەم بولمايدۇ. ئاپتونوم رايون ياكى ھەرقايسى ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىغا ئەنگە ئالدۇرغاندىن كېيىن قانات يايدۇرۇلىدۇ.
«كۆرسەتمە»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: كەسپىي ئورۇنلار قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەپ يېڭىلىق يارىتىدىغان، ئىشلەۋېتىپ كارخانا قۇرىدىغان كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى بىلەن قوشۇمچە ۋەزىپىنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش مۇددىتى (قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش پىرىنسىپ جەھەتتە ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئەسلىدىكى ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىنغان يىل چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ)، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق ئىشلارنى پۈتۈشۈشى كېرەك. ئىگىلىك تىكلەش تۈرى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، پەن تەتقىقات نەتىجىسىگە چېتىلسا، كەسپىي ئورۇنلار، پەن تەتقىقات خادىملىرى، ئالاقىدار كارخانىلار كېلىشىم تۈزۈپ، ھوقۇق ـ مەنپەئەت تەقسىماتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئايدىڭلاشتۇرسا بولىدۇ.
پەن تەتقىقات خادىملىرى قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەپ يېڭىلىق يارىتىش، ئىشلەۋېتىپ كارخانا قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئۆز ئورنىنىڭ ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئۆز خىزمىتىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ پەن تەتقىقات خادىملىرى قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەپ يېڭىلىق يارىتىش ياكى ئىشلەۋېتىپ كارخانا قۇرۇش مەزگىلدە، كادىرلار مۇناسىۋىتى تۇرۇشلۇق ئورۇن بىلەن كېڭىشىپ بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن، نىسبەتەن جانلىق بولغان، ئېلاستىكلىققا ئىگە خىزمەت ۋاقتى يولغا قويۇلسا بولىدۇ، كادىرلار مۇناسىۋىتى تۇرۇشلۇق ئورۇندا مائاش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق تۈرلۈك پاراۋانلىق تەمىناتلىرى تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ، بۇ مەزگىلدە ئېرىشكەن نەتىجىلەرنى ئۇنۋان باھالاش (قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىگەن ئورۇن ياكى قۇرغان كارخانا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ)، تۈر ئىلتىماس قىلىش، ئىش ئورنىغا رىقابەت بىلەن تەكلىپ قىلىش، تەربىيەلەش، باھالاش، مۇكاپاتلاشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ؛ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدە بولمىغان پەن تەتقىقات خادىملىرى ھۆكۈمەت خادىملىرىغا تەۋە بولمىسا، قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىگەن كارخانا ۋە ئىشلەۋېتىپ قۇرغان كارخانىلارنىڭ مائاشى، مۇكاپات پۇلى، پاي ھوقۇقى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق ئىش ھەققىگە ئېرىشەلەيدۇ، ئېرىشكەن ئىش ھەققى تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ ئۈنۈم مائاشى ئومۇمىي مىقدارىغا كىرگۈزۈلۈپ باشقۇرۇلمايدۇ، دۆلەتنىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولسا شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ؛ قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ئورۇن ياكى قۇرغان كارخانىلار قانۇن بويىچە قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەپ يېڭىلىق ياراتقان، ئىشلەۋېتىپ كارخانا قۇرغانلار ئۈچۈن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك، ئۇلار كادىرلار مۇناسىۋىتى بار ئورۇننىڭ سىرتىدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە ئىشتا يارىلانسا، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى جاۋابكارلىقىنى ئالاقىدار ئورۇن ياكى كارخانا ئۈستىگە ئالىدۇ. كارخانىلار قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەپ يېڭىلىق ياراتقان خادىملارنىڭ شەخسىي ئامانەت ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىغا ياردەم پۇل بېرىشكە ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ.
قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەپ يېڭىلىق ياراتقان، ئىشلەۋېتىپ كارخانا قۇرغان پەن تەتقىقات خادىملىرى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قوشۇمچە ئىشلەيدىغان ئورۇنغا يۆتكىلىپ ئىشلىگەن ياكى ئىشلەۋېتىپ كارخانا قۇرغان مەزگىلدە تەكلىپلىك ئىشلىتىش توختامىنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، كەسپىي ئورۇنلار ئۇلار بىلەن بولغان تەكلىپلىك ئىشلىتىش توختامىنى ۋاقتىدا بىكار قىلىشى، ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ، كادىرلار مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك.
ئالاقىدار كەسىپلەر توغرىسىدا ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى كەسپىي ئورۇنلار كادىرلار ئىشلىرى باشقارمىسىدىن مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.