شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات گۇرۇھى يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلدى

2024-11-24 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز بىرلىكتە يوپۇق ئاچتىخې جۇڭيوۋ قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم كارخانىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مۇراسىمدا، ئالاقىدار يولداش ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات گۇرۇھى قۇرۇش توغرىسىدىكى تەستىقىي جاۋابىنى ئوقۇدى. شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات گۇرۇھى شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى قوبۇل قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىختىساسلىقلار كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلايدىغان، بازارلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرىدىغان دۆلەت ئىلكىدىكى سۇپا. گۇرۇھنى تەشكىللەپ قۇرۇش ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت ئەمەلىيىتى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتى ۋە ئىختىساسلىقلار مۇلازىمىتى ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشتا ئاچقۇچلۇق قەدەم تاشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

پائالىيەت مەزگىلىدە، ما شىڭرۇي ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات گۇرۇھىنىڭ خىزمەت تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى، كارخانىنىڭ يۈرۈشۈش، باشقۇرۇش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭ يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا، ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك تەخىرسىز بولۇۋاتىدۇ. ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات گۇرۇھى ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، فۇنكسىيەلىك ئورنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلار ئېگىزلىكى ۋە ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، توپلاش سۇپىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىشى كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئىختىساسلىقلارغا بولغان تەمىنلەش - ئېھتىياج كۆۋرۈكىنى پائال سېلىپ، ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش، ئاقىللارنى كىرگۈزۈش تورى قۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، ئىختىساسلىقلارنى توپلاش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى ئېلىپ قېلىش، ئىختىساسلىقلارنى زاپاس ساقلاشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئوچۇق نەزەر دائىرە بىلەن ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشى، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشىگە ئۇيغۇنلاشقان ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىش كېرەك. خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق، چوڭ يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق شىنجاڭنىڭ كەسىپ توپى قۇرۇلۇشى ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، جىن جىجېن مۇراسىمغا قاتناشتى، جۇ لىفەن مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭجى گۇرۇھى ۋە شېنجېن ئىختىساسلىقلار گۇرۇھى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرى، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق كارخانىلىرى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار كارخانىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار مۇراسىمغا قاتناشتى.