ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ 2024 - يىللىق 4 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى
يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قوغداش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ 2024 - يىللىق 4 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 4 - پەسىللىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە چىڭ قادىلىپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈزبېرىشىنى قەتئىي توسۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشانىنى تاماملاش پۇختا بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەندى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىدە ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ھالىتى كۆرۈلدى. لېكىن بەزى جايلاردا يەنىلا زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەش جايىدا بولماسلىق، تەۋەلىكنىڭ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كۈچلۈك بولماسلىق، ساھەلەر نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتا بىپەرۋالىق قىلىش، چۈشۈرۈپ قويۇش، كارخانىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتى ئاجىزلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت. يىل ئاخىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى ئاسان، كۆپ يۈزبېرىدىغان مەزگىل، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ماھىيەتتىن تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زور خەۋپ - خەتەرنى تەكشۈرۈش، زور يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىش، زور ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈزبېرىشىنى قەتئىي توسۇپ، ھەقىقىي تۈردە يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قوغدىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەسىلە يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك تۈگىتىش جەھەتتە زور كۈچ سەرپ قىلىپ، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ ئاشكارا تەكشۈرۈشى، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىشى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈشى، يار - يۆلەك بولۇپ يېتەكچىلىك قىلىشى ئارقىلىق بايقالغان مەسىلە يوشۇرۇن خەۋپىنى ئەستايىدىل رەتلەپ، ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىز قوغلاپ، ئومۇميۈزلۈك تۈگىتىش كېرەك. نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كەسىپ، نۇقتىلىق كارخانىلارغا چىڭ قادىلىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپنى بىخ ھالىتىدىلا تۈگىتىش كېرەك. ماھىيەتتىن تۈزەش ئىقتىدار سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە زور كۈچ سەرپ قىلىپ، كەسىپكارلارنىڭ كەسپىي ساپاسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، خەۋپ - خەتەرنى كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. يول قاتناش خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، قىش پەسلىدىكى بىخەتەرلىكنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، ئاسان تۇمان پەيدا بولىدىغان، مۇز تۇتىدىغان قاتارلىق نۇقتىلىق يول بۆلەكلىرى، ۋاقىت بۆلەكلىرىدە چارلاش، باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىشنى كۈچەيتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، «چاتىقى بار ئاپتوموبىللارنىڭ يولغا چىقىشى»نى قەتئىي توسۇش كېرەك. كانلاردىكى ئېغىر ئاپەتلەرنى تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىنىڭ قىش پەسىللىك ئىشلەپچىقىرىش ئايلىنىشىدىكى خەۋپ - خەتەرنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش، ساليۇت - پوجاڭزا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. چوڭ تىپتىكى سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى، ئېگىز ئىمارەت، زاۋۇت ئۆيى، ئامبار، دوختۇرخانا، مەكتەپ قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلارغا قارىتا ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. قىش پەسلىدە قۇرۇلۇش قىلىشتا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قىش پەسىللىك قار - مۇز ساياھەت تۈرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىنىڭ مۇددەتتىن ئاشۇرۇپ ئىشلىتىلگەن تەكشۈرۈلمىگەن پار قازانلىرىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش، كۆمۈر قالاپ ئىسسىنىدىغان قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى، ئۆزى سالغان ئۆي قاتارلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي چىڭىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك كەمتۈكلۈكلەرنى چۆرىدەپ، «15 - بەش يىل»لىق خىزمەت تەپەككۇرى ۋە سىياسەت - تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ پىلانلاش كېرەك. نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قانۇن ئىجرا قىلىش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش بىلەن مۇلازىمەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش، يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. ناچار ھاۋارايىنى كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، يەر تەۋرەش، بوران چىقىش، قاتتىق قار يېغىش، مۇز تۇتۇش ئاپىتى قاتارلىقلارغا قارىتا جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرى ۋە نۆۋەتچىلىك - دىجورنىلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.
يىغىندا ئالاقىدار ھۆججەتلەر قاراپ چىقىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىلدىن بۇيانقى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھەم ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى. ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
چېن ۋېيجۈن رىياسەتچىلىك قىلدى، يۈسۈپجان مەمەت، سۈن خۇڭمېي، ۋاڭ گاڭ، قەيسەر ئابدۇكېرىم، جۇ لىفەن قاتناشتى.