ئاپتونوم رايونىمىز «شىنجاڭنىڭ ياخشى ئاشلىق ـ يېغى» مەھسۇلاتىدىن 109نى يېتىشتۈردى

2024-12-13 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق كەسپى جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىز شىنجاڭنىڭ رايون خاسلىقىغا ئىگە، ساغلام، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان بىر تۈركۈم «شىنجاڭنىڭ ياخشى ئاشلىق ـ يېغى» مەھسۇلاتلىرىنى يېتىشتۈرگەن. ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي «شىنجاڭنىڭ ياخشى ئاشلىق ـ يېغى» مەھسۇلاتىدىن 109ى يېتىشتۈرۈلگەن، يەتتە مەھسۇلات «جۇڭگونىڭ ياخشى ئاشلىق ـ يېغى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

«ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق ـ ياغ مەھسۇلاتلىرى بىرلىشىپ شىنجاڭ سىرتىدىكى چوڭ بازارلارغا يۈرۈش قىلدى، شىنجاڭنىڭ داڭلىق ماركىسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق كەسپى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى جاڭ شياۋلۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ـ ياغ كەسپى تېخنىكا ئۆزگەرتىش ۋە مەھسۇلات دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىق، ياغنىڭ پۈتۈن زەنجىرلىك سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مەھسۇلات قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق ـ ياغ مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى موللاشتۇردى، «شىنجاڭنىڭ ياخشى ئاشلىق ـ يېغى» ماركىسىدىكى 109 مەھسۇلات مەيشىن ئۇنى، شۆخۇا ئۇنى، قارا بۇغداي ئۇنى، كەسمە چۆپ، زاراڭزا يېغى قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق ـ ياغ مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ـ ياغ داڭلىق ماركىسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بازىرىدىكى تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ـ ياغ كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ ساھە جەمئىيەتلىرىنى تايانچ قىلىپ، تاۋار ماركىسىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش، ئىتتىپاق تەشكىللەش ـ قۇرۇش، ئۆلچەم بېكىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، «شىنجاڭنىڭ ياخشى ئاشلىق ـ يېغى» قاتارلىق ئاشلىق رايون داڭلىق ماركىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ بىر تۈركۈم ئاشلىق ـ ياغ داڭلىق ماركىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ ۋە بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق ـ ياغ مەھسۇلاتلىرىنىڭ «سىرتقا چىقىشى»غا تۈرتكە بولدى.

نۆۋەتتە، «شىنجاڭنىڭ ياخشى ئاشلىق ـ يېغى» رايون داڭلىق ماركىسىنى تاۋار ماركىسى بويىچە تىزىمغا ئالدۇرۇش تاماملاندى، «شىنجاڭنىڭ ياخشى ئاشلىق ـ يېغى بۇغداي ئۇنى» «شىنجاڭنىڭ ياخشى ئاشلىق ـ يېغى شۆخۇا ئۇنى» قاتارلىق يەتتە كوللېكتىپ ئۆلچەم بېكىتىلدى، «شىنجاڭنىڭ ياخشى ئاشلىق ـ يېغى» يۈرۈشلۈك ئۆلچەم سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىندى، تۈرلۈك مەھسۇلاتلاردا شىنجاڭ ئىچى ـ سىرتىدىكى ئوتتۇرا ـ ئالىي ئىستېمال بازىرى نىشانلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ئىشلەپچىقىرىش ـ سېتىش ھەمكارلىقى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە بايلىق ئەۋزەللىكى مەھسۇلات ئەۋزەللىكى ۋە ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇلدى.

داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشىنىڭ سىجىل ئالغا سىلجىتىلىشىنىڭ پايدىسىدا، بۇ يىل، «شىنجاڭنىڭ ياخشى ئاشلىق ـ يېغى» كۆپ قېتىم ئالاھىدە شەرەپكە ئېرىشتى. «گۇچۇڭ ئۇنى» ئاشلىق داڭلىق ماركىسى «جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داڭلىق ماركىسى مۇندەرىجىسىدە 2024 ـ يىللىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى رايونى ئاممىۋى داڭلىق ماركىسى تىزىملىكى»گە تاللاندى، شىنجاڭ جىنلياڭ رۇڭفا ئاشلىق ـ ياغ چەكلىك شىركىتى قارىمىقىدىكى «يېمەكلىك چېمپىيونى» داڭلىق ماركىسى 14 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاشلىق ـ ياغ ماركا تىزىملىكىدە «جۇڭگودىكى ئون ياخشى ئاشلىق ـ ياغ يېڭى داڭلىق ماركىسى» بولۇپ باھالاندى.