شىنجاڭ گېزىتى، سانجى، 12 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى يۈ جياڭيەن، ياڭ شۇخەن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ كېخەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ دائىرىسىدىكى مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان كۆمۈر كان قۇرۇلۇشى تىزىملىكىگە كىرگەن تۆت كۆمۈر كاننىڭ ھەممىسى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان كۆمۈر كان قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگىگە ئايلانغان.
12 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، مۇخبىرلار دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئېنېرگىيەسى شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار كۆمۈر ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتى ئاقىل كونترول مەركىزىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆمۈر قېزىشنى يىراق مۇساپىلىك كونترول قىلىش سۇپىسىدا، خىزمەتچى خادىملارنىڭ 1101 ئىش دائىرىسىدىكى قۇدۇق ئاستى كۆمۈر قېزىش ئۈسكۈنىسىنى يىراق مۇساپىلىك قوزغىتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
«1101 ئىش دائىرىسىدىكى ئۈسكۈنىلەر نورمال، قوزغىتىشقا بولىدۇ.» ئاقىل كونترول قىلىش خادىمى ئاۋازلىق جاۋابنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قوزغىتىش كۇنۇپكىسىنى يېنىك باستى، ئارقىدىن 500 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى قۇدۇق ئاستىدا، پارچىلاش ماشىنىسى، يۆتكەش ماشىنىسى، ئالدى ـ كەينىگە سىيرىلىدىغان قىرغۇچ تاختا ماشىنىسى تەرتىپ بويىچە قوزغالدى. بىرئازدىن كېيىن، كۆز ئالدىدىكى چوڭ ئېكراننىڭ كۆزىتىش ئاپپاراتى كۆرۈنۈشىدە كۆمۈر قېزىش ماشىنىسى كۆمۈر قېزىۋاتقان كۆرۈنۈش نامايان بولدى، كۆمۈرلەر سىيرىلما نورنى بويلاپ شارىلداپ چۈشۈشكە باشلىدى.
2020 ـ يىلى، شىنجاڭ تيەنچى ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ جەنۇبىي ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنى، شۈجوۋ كان ئىشلىرى (گۇرۇھ) شىنجاڭ تىيانشان كانچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئوقۇربۇلاق كۆمۈر كېنى، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ۋۇدۇڭ كۆمۈر كېنىدىن ئىبارەت جەمئىي ئۈچ ئىشلەپچىقىرىش رايونىدىكى كۆمۈر كان ھەمدە دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئېنېرگىيە ئېچىش شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار كۆمۈر ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتى شەرقىي جۇڭغار كۆمۈرلۈكى چوڭ قۇدۇق كان رايونى 2 ـ نومۇرلۇق كان قۇدۇقىدىكى بىر قۇرۇلۇش قىلىنىدىغان كۆمۈر كان دۆلەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۈلگە كۆرسىتىدىغان كۆمۈر كان قۇرۇلۇشى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئېنېرگىيە ئېچىش شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار كۆمۈر ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يىلىغا 6 مىليون توننا بولغان قۇدۇق، زاۋۇت، كان قۇرۇشنى باشلىدى ھەم بۇلۇت ھېسابلاش سانلىق مەلۇمات مەركىزى، ئىشلەپچىقىرىشقا قوماندانلىق قىلىش ـ كونترول قىلىش مەركىزى، ئىشلەپچىقىرىشنى مەركەزلىك كونترول قىلىش سۇپىسى قاتارلىق 65 تارماق سىستېمىنى يانداشتۇرۇپ قۇردى. ئاپتوماتلاشتۇرۇش ۋە يىراقتىن نازارەت قىلىش تېخنىكىسى ئارقىلىق، سۇ پومپىسى ئۆيى، بېسىملىق شامالدۇرغۇچ ئۆيى، تىرانسفورموتور ئىستانسىسى، تاسما شوپۇرى قاتارلىق مۇقىم ئىش ئورۇنلىرىدا ئادەمسىز دىجورنىلىق قىلىش، چارلاپ تەكشۈرىدىغان ئادەم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەشغۇلات خەۋپ ـ خەتىرى ۋە ئەمگەك سىجىللىقىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتتى.
2023 ـ يىلى 2 ـ ئايدا، جەنۇبىي ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنى، ئوقۇربۇلاق كۆمۈر كېنى، ۋۇدۇڭ كۆمۈر كېنىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقا ـ ئارقىدىن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئۆتتى.
ۋۇدۇڭ كۆمۈر كېنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، خاتىرە شەكىللەندۈرۈپ كېسىش ماشىنىسى بىلەن كۆمۈر قېزىشنى ئىشقا ئاشۇردى، كان ئىشچىلىرى ماشىنىدا بىر قېتىم مەشغۇلات قىلسىلا، ماشىنا خاتىرە شەكىللەندۈرۈپ، كۆمۈر قاتلىمىنى ئاپتوماتىك كېسىدۇ، كېسىلگەن كۆمۈر يەتكۈزۈش تاسمىسى ئارقىلىق ئاپتوماتىك ھالدا يەر يۈزىدىكى كۆمۈر ئامبىرىغا توشۇلىدۇ. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، ۋۇدۇڭ كۆمۈر كېنىنىڭ كان قۇدۇقىدا 295 خادىم قىسقارتىلغان، ھەر توننا كۆمۈرنىڭ تەننەرخى 11.93 يۈەن تۆۋەنلىگەن.
دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئېنېرگىيە ئېچىش شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار كۆمۈر ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتى شەرقىي جۇڭغار كۆمۈرلۈكى چوڭ قۇدۇق كان رايونى 2 ـ نومۇرلۇق كۆمۈر كېنى بۇ يىل 8 ـ ئايدا دۆلەت دەرىجىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۈلگە كۆرسىتىدىغان كان قۇدۇقى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئۆتتى. «چوڭ قۇدۇق كان رايونى 2 ـ نومۇرلۇق كۆمۈر كېنى زەربىلىك يەر بېسىمىلىق كان قۇدۇقىغا تەۋە بولۇپ، ئوتتۇرىچە كۆمۈر قاتلىمىنىڭ قېلىنلىقى 53 مېتىرغا يېتىدۇ، بۇنداق گېئولوگىيەلىك قۇرۇلما مەملىكەت بويىچە ئاز ئۇچرايدۇ.» دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئېنېرگىيە ئېچىش شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار كۆمۈر ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتىنىڭ كان باشلىقى تەن لى مۇنداق بىلدۈردى: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خەۋپ ـ خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، كۆمۈر كېنىمىز چوڭ سانلىق مەلۇمات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، ئاپەتتىن ئالدىن سىگنال بېرىش ـ تىزگىنلەش سۇپىسى ئارقىلىق ئاپەت خەۋپ ـ خەتىرىگە ئالدىن ھۆكۈم قىلدى.
كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان كۆمۈر كان قۇرۇلۇشى ئۆلچىمى بويىچە، ۋۇدۇڭ كۆمۈر كېنى ۋە شەرقىي جۇڭغار كۆمۈرلۈكى چوڭ قۇدۇق كان رايونى 2 ـ نومۇرلۇق كۆمۈر كېنىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلىرى ۋە سىستېمىسىنى يېڭىلاپ، ئۇنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان كۆمۈر كان قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.