شىنجاڭ گېزىتى، قەشقەر، 12 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 12 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ 2 ـ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى قەشقەردە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ لىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، يېڭى جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان كىشىلەر توپى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، يېڭى جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان كىشىلەر توپى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم كۈچ، جەزمەن بايراق روشەن ھالدا «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، تەشكىللەش ئىقتىدارى بىلەن مۇلازىمەت ئىقتىدارىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا سىجىل كۈچ قوشۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئاچقۇچنى تۇتۇپ، خىزمەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېتەكچىلىك سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يۇقىرى ـ تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان، سىستېمىلار بىلەن رايونلار بىرلەشتۈرۈلگەن پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك؛ ئاساسنى پۇختىلاپ، تەشكىلات تەسىس قىلىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، قاپلاش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تەشكىلىي قۇرۇلۇشنىڭ تۆۋەندە يىلتىز تارتىشى، يۇقىرىغا قاراپ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىي ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «كارخانىلارغا بىرلىكتە نەپ يەتكۈزۈش» بويىچە ئەرزنى قوبۇل قىلغان ھامان بېجىرىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى چاقىرىق كۈچى، ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.
يىغىندا ئالاقىدار ھۆججەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، قاراپ چىقىلدى، نەق مەيداندا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ «ئۈچ يېڭى» ساھەسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ئۇسۇلى كۆزدىن كەچۈرۈلدى، ئاپتونوم رايون بويىچە «ئۈچ يېڭى» ساھەسىدىكى بىر تۈركۈم «بەشتە ياخشى» پارتىيە ياچېيكىسى تاللاپ تىپ تۇرغۇزۇلدى، بەش ئورۇن پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.