شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 28 - قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، مۇھىم تەبرىك خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى. نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم - كوتسىز ياخشى تۇتۇش كېرەك. دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا ۋە «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»گە مەركەزلەشتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەش مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، يەرلىكنىڭ پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، دەل جايىدا، ئەمەلىي بولغان، ئەسقاتىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەدبىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى يۇقىرى سۈپەتتە ئادا قىلىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. سىياسىي كېڭەشنىڭ تاشقى ئالاقە داۋامىدىكى ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ سىياسىي كېڭەش چياۋمىن ئىشلىرى خىزمىتى داڭلىق ماركىسىنى سىجىل ياخشى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى بىلەن شياڭگاڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كەسپىي زاتلار جەمئىيىتى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەملىكەت سىرتىدىكى جۇڭگو شىنجاڭلىق چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگو شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان ئىتتىپاقلىق، بىرلەشمە دوستلۇق خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، ئەزالارنى شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى كۈرەشكە پائال قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، جۇڭگو ھېكايىسى، شىنجاڭ ھېكايىسىنى مەردانىلىك بىلەن ياخشى سۆزلەپ، ئاكتىپ كۈچلەرنى كەڭ كۆلەمدە توپلاش كېرەك. سىياسىي كېڭەشنىڭ نەزەرىيە تەتقىقاتى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشتا يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك.
يىغىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2024 - يىللىق جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايى ئۇچۇرلىرىنى ئىنكاس قىلىش خىزمەت سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايى ئۇچۇرلىرىنى ئىنكاس قىلىش خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ بىرتۈرلۈك ئۇللۇق، دائىملىق خىزمىتى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىدىكى مۇھىم ئۇسۇل. مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشنى ئۇچۇر تېمىسى تاللاشنىڭ مەۋقەسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئۇچۇرنىڭ يۈكسەكلىكى، موللۇقى، چوڭقۇرلۇقى، توغرىلىقىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۇچۇر يوللىرىنى كېڭەيتىپ، نەتىجىنى قايتما ئىنكاس قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئىللىقلىقى بار، ئاممىغا يېقىن، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەنگەن جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايى ئۇچۇرلىرىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈپ، «ئۆتكۈر كۆز، سەزگۈر قۇلاق» بولۇپ، پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى پايدىلانما بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
يىغىندا كادىرلار ئىشلىرىغا ئالاقىدار ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ما يىلېي، ئابدۇۋەلى ئابلىمىت، ئابدۇرېشىت ئابلەينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9 - يىغىنىنىڭ تولۇقلاپ ئېتىراپ قىلىشىغا سۇنۇلدى؛ جاڭ يۈنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق، سىياسىي كېڭەش ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار (لايىھە) قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9 - يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جارۇللا ھېسامىدىن، كۇڭ شىڭلۇڭ، نۇرۇم ئىسمايىلقان، ئېزىز مۇسا، ليۇ خۇيجۈن، پۇ شۆمېي، شۈ شيەنيى، باتۇ، باش كاتىپ گاۋ جياڭخۇەي يىغىنغا قاتناشتى.