ئاپتونوم رايوننىڭ 4 - مەيدان شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە مەركەزلىك تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدە ئىمزالانغان كېلىشىم 120 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

2024-12-12 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، خوتەن، 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ 4 - مەيدان شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە مەركەزلىك تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى خوتەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ ئالدىنقى سەپ، ئارقا سەپ ئورۇنلىرى ھەم 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى 400دىن ئارتۇق كارخانا ۋەكىلى قاتناشتى. كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا، 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى كارخانىلار بىلەن كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن 105نى ئىمزالىدى، كېلىشىم سوممىسى 122 مىليارد 945 مىليون يۈەن بولدى.

بۇنىڭ ئىچىدە، مەبلەغ سېلىش كېلىشىم تۈرى 68، رامكا كېلىشىمى تۈرى 37. بۇ قېتىمقى كېلىشىم ئىمزالاش كارخانا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى، ئەمگەك كۈچى چىقىرىش كېلىشىمى، زاكازلىق تەربىيەلەش كېلىشىمى قاتارلىقلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، تۈرلەر يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، يېشىل كانچىلىق، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.

«ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يۆنىلىش قىلغان شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر دىققەتنى ئاپتونوم رايوننىڭ <ئون چوڭ كەسىپ توپى> قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسىپ تەرەققىياتى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، بىر قاتار مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر لى شياڭۋېي مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى پۇرسەت بىلىپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇقىملاشتۇرىمىز.

شىنجاڭ نوليەن يېڭى ماتېرىيال پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قورغاس ناھىيەسىدە مەبلەغ سالغان يىلىغا 100 مىڭ توننا قۇرۇلۇش ماتېرىيالى پىششىقلاش قۇرۇلۇش تۈرى بۇ يىل 11 - ئايدا قورغاس ناھىيەسىگە ماكانلاشقان، بۇ تۈرگە 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان بولۇپ، 2025 - يىلى 5 - ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. «يېڭى ماتېرىيال كارخانىسىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ مول ھاسىلاتقا ئېرىشتىم. يىغىندىن كېيىن، تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، بالدۇرراق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ، قورغاس ناھىيەسىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوشىمىز» دېدى بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى چيۇ پېڭ.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى كارخانىلارنى شىنجاڭدا مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە يېتەكلەشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قاراماي شەھىرى، كورلا شەھىرى، غۇلجا شەھىرىدە شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە ئۈچ مەيدان مەركەزلىك تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.