شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىنى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىدا چۈشەندۈرۈش ۋە ئۆگىنىش ئېلىپ باردى. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا بەرگەن قوللاش سىياسىتى ۋە دۆلەتنىڭ بىر قاتار ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسەت - تەدبىرىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن بولغان بىرىكىش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»، ئېنېرگىيە بايلىقى، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئىستېمالنى كېڭەيتىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتى قاتارلىق سەككىز جەھەتنى چۆرىدەپ سىياسەت چۈشەندۈرۈلدى.
ئەركىن تۇنىياز مەخسۇس تېمىلىق چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەت چىقارغان شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا دائىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن چىقارغان ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا دائىر مۇھىم سىياسەت - تەدبىرلەرنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى ئىشلىتىش بىزنىڭ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، كۆزلىمىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىزدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دۆلەتنىڭ ماكرولۇق سىياسەت تۈزۈشتىكى دەسلەپكى مەقسىتى، نىشانى، ئورۇن بېكىتمىسى قاتارلىقلارنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»گە قويۇپ، خىزمەتلەرنى باشتىن - ئاخىر دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىدا تۇرۇپ پىلانلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ «بىر رايوننىڭ شەرىپى» ئارقىلىق «ئومۇملۇققا ھۆسن قوشۇش» كېرەك. ھەرقايسى ساھەلەردىكى دۆلەت سىياسىتى تەلىپى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈش كېرەك. ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسەت تەمىناتىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق سىياسەتلەرنى پائال ئوتتۇرىغا قويۇپ، سىياسەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ۋاقىتچانلىقى ۋە قاراتمىلىقىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسەت «بىرىكمە تەدبىرى»نى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، پۇرسەت، سالماق، رىتىمنى ياخشى ئىگىلەپ، سىياسەت ئۈنۈمىنىڭ كۆزلىمىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك، كۆپ خىللاشقان كارخانىلارغا ياردەم بېرىش مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئىقتىساد سىياسىتىنى چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.