​ئاپتونوم رايوننىڭ ئاياللار ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2024-12-12 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

زۇمرەت ئوبۇل ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى سىستېمىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

​ئاپتونوم رايوننىڭ ئاياللار ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى سىستېمىسىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالى ۋە ئاياللارنىڭ زامانىۋى مەدەنىي يېڭى كەيپىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتا رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى ھەم سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاياللار، بالىلار ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ ئاياللار بىرلەشمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاياللار، بالىلار خىزمىتىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ھوقۇقنى قوغداش، كۆيۈنۈش مۇلازىمىتىنى ئەمەلىي، ياخشى ئىشلەش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئايال ۋەكىللىرى ۋە ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئاياللار ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلاشتىكى كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاياللارنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ قىزغىن ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

شۇ كۈنى، زۇمرەت ئوبۇل ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى جۇڭتەي مەھەللىسىدىكى ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىك پونكىتى، بېيجىڭ شەھىرى ۋېيخېڭ (ئۈرۈمچى) ئادۋوكاتلىق ئورنى، شىنجاڭ ئاياللار بىرلەشمىسى ئاياللار، بالىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش مۇلازىمەت مەركىزىگە بېرىپ، ئاياللار بىرلەشمىسى بازىسى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ يەنە شىنجاڭ ئاياللار، بالىلار مائارىپ سارىيىغا كېلىپ، شىنجاڭ ئاياللار ھەرىكىتى تارىخى سارىيى، شىنجاڭ ئائىلە ئىستىلى سارىيى ۋە شىنجاڭ بالىلار قىزىل تەربىيە سارىيىنى بىر - بىرلەپ ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئاياللار، بالىلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر ئىگىلىدى.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايوننىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى، ئائىلە زۇلمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش نىزامى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامى قاتارلىق يەرلىك نىزاملارنى تۈزۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاياللار، بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئاياللار ئاممىسى بىلەن زىچ ئالاقە باغلاشتىكى ئەۋزەللىكى، رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە پائال ماسلىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئاياللار، بالىلار ئىشلىرىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. نىزام چىقىرىش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، ۋەكىللەر كۆزدىن كەچۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى مۇۋاپىق پەيتتە قانات يايدۇرۇپ، ئاياللار، بالىلار ئىشلىرى تەرەققىياتىنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئايال ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى، رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ ۋە كاپالەتلەندۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئاياللارنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشۇش كېرەك.

سۆھبەت يىغىنىدا، بەش نەپەر ئايال ۋەكىل ئۆز كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

لى نىڭپىڭ قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.