شىنجاڭ گېزىتى، سانجى، 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ كۆمۈر كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ھەم كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدىغان، ئاممىغا بەخت يارىتىدىغان ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشى ۋە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بىخەتەرلىكنى 1 - ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش، ئىلمىي باشقۇرۇش - تىزگىنلەش پىرىنسىپى بويىچە، بالدۇر ئالدىنى ئېلىش، بالدۇر بايقاش، بالدۇر تۈزەشتىن ئىبارەت ياخشى مېخانىزمنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەبلەغ سېلىنمىسى، تېخنىكا كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە، بەلگىلىمە بويىچە كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەشكە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۆمۈر كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ئاتاكىغا ئۆتۈش باسقۇچىغا كىردى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار (ئورۇنلار) يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ «بىر كانغا بىر تەدبىر» بويىچە كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى لايىھەسىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، قۇرۇلۇش نىشانى ۋە ۋاقىت تۈگۈنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئادەمنى ئازايتىپ بىخەتەرلىكنى ئاشۇرۇش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆمۈركەسپىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، يېشىللىشىشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشى، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشى كېرەك.
يىغىن مەزگىلىدە، يىغىنغا قاتناشقانلار ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى سۈرئىتى تېز، ئەمەلىي قوللىنىش ئۈنۈمى ياخشى بولغان ئۈستى ئوچۇق كۆمۈرلۈك ۋە قۇدۇقلۇق كۆمۈر كېنىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەشكىللەندى، فۇكاڭ شەھىرى دىڭجياۋەن كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنىڭ ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتى توغرىسىدا ئېكسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىشتە بولدى.