2025 - يىللىق شىنجاڭ سۇچىلىق خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى
يېڭى باسقۇچتىكى سۇچىلىق خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى كاڭ خاۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، 2025 - يىللىق شىنجاڭ سۇچىلىق خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا، 2024 - يىللىق شىنجاڭ سۇچىلىق خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىرى ۋە تەجرىبىلىرى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەندى، ھازىرقى ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەر تەھلىل قىلىنىپ، 2025 - يىللىق سۇچىلىق نۇقتىلىق خىزمەتلىرى ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، يېڭى باسقۇچتىكى شىنجاڭ سۇچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولۇندى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2024 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سۇچىلىق سىستېمىسىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىنىپ، سۇ بايلىقىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى، «ئون چوڭ كەسىپ توپى»، «ئۇل ئەسلىھە ئون تورى» ۋە يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونى قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئاچقۇچلۇق رولى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلۇپ، شىنجاڭ سۇچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان يۇقىرى قاتلاملىق لايىھە ۋە سۇ تىزگىنلەش ئۇلۇغۋار پىلانىنى بەرپا قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش تېزلىتىلىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ سۇچىلىق تىرىكى، كاپالىتى بارغانسېرى مۇستەھكەملەندى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: 2025 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملايدىغان، «15 - بەش يىل»نى پىلانلايدىغان مۇھىم بىر يىل. سۇچىلىق خىزمىتىدە مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، دەل جايىدا كۈچەش داۋامىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي تۇتۇش كېرەك، سۇ تېجەشنى ئاچقۇچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىشنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ سۇ ساقلاشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ سۇ يۆتكەشنى تولۇقلىما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇ تورى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ سۇ كۆپەيتىشنى كاپالەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى كۆپەيتىش، تولۇقلاش يوللىرىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش كېرەك؛ سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تۈزەش، قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سۇ تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ ھالقىلىق تۇتقىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ پۇختا بولغان سۇ بىخەتەرلىكى، سۇ تىرىكى، سۇ كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.