​ناھىيە رايونىدىكى تۈۋرۈك كەسىپلەر، خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئاساسىي قاتلام جەمئىيىتىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

2025-02-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ما شىڭرۇي ئاقسۇ ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

​ناھىيە رايونىدىكى تۈۋرۈك كەسىپلەر، خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئاساسىي قاتلام جەمئىيىتىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باي ناھىيەسى ۋە كۇچا شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي كۇچا كۈسەن تار كوچىسىغا كېلىپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە دۇكانلارغا كىرىپ، سودىگەرلەرنىڭ تىجارەت ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، تىجارەتچىلەرنى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ساياھەت تەرەققىياتىغا تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا رىغبەتلەندۈردى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، كۇچا، 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باي ناھىيەسى ۋە كۇچا شەھىرىگە كېلىپ، ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىش، بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ناھىيە رايونىنىڭ تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلىشىغا تۈرتكە بولۇش، ئەۋزەللىك يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشنى تېزلىتىش، ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈۋرۈك كەسىپلەر، خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىشنى تۇتقا قىلىپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ۋە پىلانلاپ، پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

باي ناھىيەسىدە، ما شىڭرۇي جۇڭتەي كۆمۈر كوكسلاش شىركىتىگە كېلىپ، خىزمەت تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى كۆمۈر قاتارلىق قېزىلما بايلىقلارنىڭ تارقىلىش ۋە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىي قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ھازىر بار بولغان كۆمۈر كانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، كۆمۈر بايلىقىنى چارلاش، ئېچىش سالمىقىنى تېزلىتىپ، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، كۆمۈرچىلىك كەسپىنى ھەقىقىي ئەلالاشتۇرۇش، كۈچەيتىش، زورايتىشنى تەكىتلىدى. ما شىڭرۇي باي ياشىن كۆمۈر قاتلىمى گازى شىركىتىنىڭ گاز يىغىش پونكىتىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، كۇچا، باي رايونىنىڭ كۆمۈر قاتلىمى گازى زاپىسى كۆپ بولۇش، گاز تېز سۈرئەتتە يەر يۈزىگە كۆتۈرۈلۈش قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، زاپىسىنى ئاشۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا تۈرتكە بولۇش سالمىقىنى زورايتىپ، بايلىق ئېچىش بىلەن تۇرۇبا تورى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. ما شىڭرۇي يەنە ئاۋدۇ شېكەرچىلىك شىركىتىگە بېرىپ، شېكەرچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىيات خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كارخانىنى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى نىشانلاپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە كۆلەمنى كېڭەيتىپ ئەمەلىي كۈچنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا قاتنىشىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار نۇقتىلىق كەسىپلەر، خاس كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ تەرەققىياتى ۋە ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش نەتىجىلىرىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ما شىڭرۇي ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ باي ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى ۋە كۇچا شەھىرى دۇڭچېڭ ساقچىخانىسىغا بېرىپ، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ساقچى كۈچىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتىن قارىغاندا، ساقچى كۈچىنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك تەدبىر، بۇنىڭدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن كۈچنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىگە ھەرقانداق ۋاقىتتا سەل قاراشقا بولمايدۇ. تۆكۈلگەن بىر تال يوپۇرماق كۈزدىن دېرەك بېرىدۇ، دېگەن سەزگۈرلۈكنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، خەۋپ - خەتەرنى پەرقلەندۈرۈش ۋە كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەۋپ - خەتەر ئامىللىرىنى دەل جايىدا تۈرگە ئايرىپ، ئۈنۈملۈك باشقۇرۇپ ۋە تىزگىنلەپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك.

كۇچا شەھىرىنىڭ ئىشخلا بازىرى شەھەر رايونىغا يېقىن بولۇپ، بۇ جاي ئاممىنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەرنى ئۆزگەرتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. ما شىڭرۇي قۇمئېرىق كەنتىگە بېرىپ، تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەپسىلىي ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر مىللەت ئاممىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن، تۈر يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش، مەدەنىيەت - ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلار بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە تۈجۈپىلىك ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئولتۇراقلىشىشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كېلىدىغان ماكان بەرپا قىلىش كېرەك.

جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى تارىم دەرياسى نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە، ما شىڭرۇي كونترول مەركىزىگە كىرىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، كارخانىنىڭ تىجارەت ئەھۋالى ۋە مۇلازىمەت رايونىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ئىگىلىدى، كارخانىنىڭ ئۈنۈمنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل ئېنېرگىيەنى ئايلاندۇرۇش، نېفىت خىمىيە كەسىپلەر توپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تېخىمۇ زور نەتىجە يارىتىشنى نامايان قىلىپ، رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

ما شىڭرۇي يەنە كۇچا كۈسەن تار كوچىسىغا بېرىپ، كوچا بويلاپ مېڭىپ ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈنۈمىنى كۆزدىن كەچۈردى، شۇ جاينىڭ خەلق رايىغا ئۇيغۇنلىشىش، كادىرلار بىلەن ئامما قول تۇتۇشۇپ تار كوچىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىنى ماختىدى، كونا چايخانىغا كىرىپ ھەر مىللەت ئامما بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى، كەيپىيات شاد - خۇراملىققا تولدى. ئۇ يەنە خاسلىققا ئىگە دۇكان، ئىگىلىك تىكلەش ھۈنەرخانىسى، قەدىمكى تۇرالغۇ قاتارلىقلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، تىجارەتچىلەرنى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تايىنىپ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىپ، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلىشىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچەش نۇقتىسى ۋە باشلىنىش نۇقتىسىنى يەنىمۇ دەل جايىدا تېپىپ، كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، ناھىيە رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، ناھىيەنى كۈچەيتىش، خەلقنى بېيىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مەۋقەنى رايون بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە كەسىپ شارائىتىغا قويۇپ، ناھىيە رايونىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئۆستۈرۈشكە تىرەك بولىدىغان بىر تۈركۈم تۈۋرۈك كەسىپلەر، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى پىلانلاپ ۋە بەرپا قىلىپ، خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئاساسىي قاتلامغا يۆتكەش، بايلىق كۈچىنى ئاساسىي قاتلامغا تەقسىملەش، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ناھىيە بازىرىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر - يېزا ئامىللىرىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشى ۋە ئاممىۋى بايلىقنىڭ مۇۋاپىق تەقسىملىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر - يېزا يۇغۇرما تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىش كېرەك. خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇقىم بولۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇش مۇقىم بولۇش، كىشىلەر كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. تۆت خاھىش بىلەن چىرىكلىكنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى باشتىن - ئاخىر كۈچەيتىپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.