ئەركىن تۇنىياز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى
نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، چىڭ تۇتۇپ تېز ھەرىكەتكە كېلىش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 8 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايون ئىككى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، سودا، دۆلەت مۈلكى، مەدەنىيەت - ساياھەت، ئىقتىسادىي تەپتىش، باج تارمىقى قاتارلىق تارماقلاردا زىيارەتتە بولدى ھەم سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئىدىيەدە ھەقىقىي ئازاد بولۇپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، چىڭ تۇتۇپ تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، 1 - پەسىلدە «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ساھەسىدىكى ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئۈلگىلىك خاراكتېرى، تۈرتكىلىك خاراكتېرى كۈچلۈك بىر تۈركۈم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى تېزدىن يولغا قويۇش كېرەك. سانائەت ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇپ، ئېشىش نۇقتىسىنى يەنىمۇ دەل جايىدا تېپىپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئالدىن تەتقىق قىلىپ پىلانلاپ، نۇقتىلىق سانائەت تۈرلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، ئامىل كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. دىققەتنى «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى يۆلەپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇش، يېڭى ئەۋزەللىك يېتىلدۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق بىلدۈردى: سودا ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ساقلانما مىقدار سىياسەتلىرىدىن تولۇق، جانلىق، ياخشى پايدىلىنىپ، ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسەتلىرىنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك. تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ يادرونى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تۈرلۈك ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاش كېرەك. پورت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تاشقى سودىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىم رايونلاردىن يۆتكەلگەن كەسىپلەرنى پائال قوبۇل قىلىپ، دەل جايىدا سودىگەر چاقىرىپ، سودىگەر ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىپ، ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ئورۇن بېكىتمىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارغا يار - يۆلەك بولۇش، يېتەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، كارخانىلارنىڭ «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىش كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىش ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەپتىشنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە باج - ھەق ئېلىش بىلەن باج مەنبەسىگە مۇلازىمەت قىلىش، يېتىلدۈرۈش، زورايتىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تۇتاش ياخشى پىلانلاپ، باج - ھەق ئېلىش ۋە باشقۇرۇشتىكى «ئاساسنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشى»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەتتىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ قولايلىق ۋە دەل جايىدا بولۇشىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىگە كېلىپ، شىنجاڭ ئاقىل ساياھەتچىلىك باشقۇرۇش سۇپىسى ئارقىلىق، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرى، قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى سىنلىق ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى ھەقىقىي بېيىتىپ، قار - مۇز ساياھىتى، قار - مۇز ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ ۋە تونۇشتۇرۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ داڭقى ۋە ئىناۋىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ شىنجاڭنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئىشلارنى پىلانلاشتا تىرىشچان بولۇش، ئىش قىلىشتا ئىنچىكە بولۇش، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا ئەمەلىي بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىدارنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، پۇختا ئىشلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، مۇقىيات جارمۇقامەت، جۇ لىفەن، جىن جىجېن قاتارلىقلار ئايرىم - ئايرىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.