شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا قۇرۇلغان يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى 200دىن ئاشقان، ئومۇمىي گېنېراتورلار كۆلىمىنىڭ سىغىمچانلىقى 9 مىليون 777 مىڭ كىلوۋات\ 32 مىليون 663 مىڭ كىلوۋات سائەت بولۇپ، گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى جەھەتتە غەربىي قىسىم بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن.
يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى شىنجاڭنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نىڭ بىرى. 2024 - يىلى، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار كۆلىمىنىڭ سىغىمچانلىقى 100 مىليون كىلوۋاتتىن ئېشىپ، غەربىي قىسىم رايونى بويىچە يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 100 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشقان تۇنجى ئۆلكە بولۇپ قالدى.
شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەسىدە ئومۇميۈزلۈك «ئەتىياز، كۈزدە چوڭ بولۇش، قىش، يازدا كىچىك بولۇش» ئالاھىدىلىكى نامايان بولدى، بۇ، ئېلېكتىر تورىنىڭ ياز، قىشتا ئېلېكتىر يۈكى يۇقىرى پەللىسى نامايان بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن قارمۇقارشى بولۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە خىرىس ئېلىپ كەلدى. كۆپ خىللاشقان ئېنېرگىيە ساقلاشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، بۇ يەككە تېخنىكا خەۋپ - خەتىرىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. تېخنىكا يېڭىلاش ئىقتىدارى، يۇقىرى ئۈنۈم ۋە يۇقىرى سۈپەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى ۋە يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.
بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ كۆپ خىل ئېنېرگىيە ساقلاشقا تەڭ كۈچ چىقىرىش ئارقىلىق، پاكىز ئېنېرگىيەنى سىجىل، مۇقىم بولغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە كەڭ كۆلەمدە ئايلاندۇردى. يېڭى ئېنېرگىيە بويىچە ئېنېرگىيە ساقلاش كەسپى شىنجاڭدا ئېنېرگىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشتىكى «تەڭشىگۈچ»كە ئايلانماقتا.
2 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا بۇ يىل تەستىقلانغان 1 -، 2 - تۈركۈمدىكى ئۆز ئالدىغا يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ سىغىمچانلىقى 11 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشتى، مۆلچەرلىنىشىچە، 2025 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاشتا تورلاشتۇرۇلغان كۆلەمنىڭ سىغىمچانلىقى 20 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشىدىكەن.
ئاپتونوم رايون ئېلان قىلغان 2024 - يىللىق ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆز ئالدىغا يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرى تىزىملىكىدە تۆمۈر فوسفاتلىق لىتىي، تولۇق ۋانادىيلىق سۇيۇقلۇق، ناترىي ئىئونلۇق باتارېيە، قىسىلغان ھاۋا، ئېغىرلىق كۈچى بويىچە ئېنېرگىيە ساقلاش، قوغۇشۇن كۇكۇس، ھىدروگېن ساقلاش، ئىسسىقلىق ساقلاش قاتارلىق كۆپ خىل تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 41 تۈرلۈك ئۆز ئالدىغا يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرى بار. كۆپ خىل ئېنېرگىيە ساقلاش تېخنىكىسى ئېنېرگىيە ساھەسىدە كەڭ ئەمەلىي قوللىنىش ئىستىقبالىغا ئىگە.
«ھازىر، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ساقلاش تەرەققىياتىدا كۆلەملىشىش، بازارلىشىش، كۆپ خىللىشىش ئالاھىدىلىكى نامايان بولدى، شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا بىرقەدەر ياخشى ئۇيغۇنلىشالايدۇ» دېدى دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى ئىقتىساد - تېخنىكا تەتقىقات ئورنى ئېنېرگىيە تەرەققىياتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چاڭلىڭ.
كۆلەملىشىش جەھەتتىن قارىغاندا، 2024 - يىلى شىنجاڭنىڭ پۈتۈن يىلدىكى يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش يېڭىدىن 5 مىليون 553 مىڭ كىلوۋات\19 مىليون 529 مىڭ كىلوۋات سائەت كۆپىيىپ، 2023 - يىلىدىكىدىن %139 ئېشىپ، تەرەققىيات سۈرئىتى تېز بولغان. بازارلىشىش جەھەتتىن قارىغاندا، شىنجاڭ بازارغا سېلىپ سودىلىشىش، بۆلۈنمە ۋاقىتلىق توك باھاسى، سىغىم تولۇقلىمىسى قاتارلىقلارغا دائىر يۈرۈشلۈك سىياسەتلەرنى ئېلان قىلىپ، ئېنېرگىيە ساقلاشقا مەبلەغ سېلىش كۆزلىمىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ياخشى بازار تەرەققىيات مۇھىتى ياراتقان.
2 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ خۇاديەن ئۈرۈمچى يورۇقلۇق ۋولت بازىسىنىڭ 1 مىليون كىلوۋات\4 مىليون كىلوۋات سائەتلىك ئۆز ئالدىغا يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش، لىشىن شىركىتىنىڭ خوتەن ناھىيەسىدىكى 300 مېگاۋات\1200 مېگاۋات سائەتلىك تور تىپىدىكى ئۆز ئالدىغا ئېنېرگىيە ساقلاش، لىشىن شىركىتىنىڭ گۇما ناھىيەسىدىكى 200 مېگاۋات\800 مېگاۋات سائەتلىك تور تىپىدىكى ئۆز ئالدىغا ئېنېرگىيە ساقلاش قاتارلىق جەمئىي 4065 مېگاۋات\16 مىڭ 260 مېگاۋات سائەتلىك ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرىدە ئۇلاش سىستېمىسى لايىھەسىنى باھالاش تاماملاندى، شىنجاڭدا ئېنېرگىيە ساقلاش تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش تېز يولىغا كىردى.
«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭدا تەستىقلانغان يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى جەمئىي 48 مىليون 350 مىڭ كىلوۋاتقا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە يۈرۈشلەشكەن ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرىنىڭ كۆلەم سىغىمچانلىقى 34 مىليون 120 مىڭ كىلوۋات، ئۆز ئالدىغا ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرىنىڭ كۆلەم سىغىمچانلىقى 14 مىليون 230 مىڭ كىلوۋات بولدى.