ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 - يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2025-03-27 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    

    شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىجاڭ لېي، پىراكتىكانتلىن شياڭچېڭخەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 - يىغىنى ئۈرۈمچىدە 1 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 53 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، بۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 19 - يىغىنىنىڭ قارالمىسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ سانلىق مەلۇمات نىزامى لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېتىز سۇ ئىنشائاتى نىزامى لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ماناس ئېپوسىنى قوغداش نىزامى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى قانۇنى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 2024 - يىللىق قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىش - تەكشۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ كادىرلارنى تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش ئىشلىرى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ۋاڭ مىڭشەن، توختى ياقۇپ، دىلشات قىدىرخان، پىڭ شىنلەي، ۋاڭ گوخې، مەمتىمىن قادىر، باش كاتىپ ۋاڭ جياڭ يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۇ لىفەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى گاۋ جىمىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.