شىنجاڭ تۆمۈريولىدا ئىككى پورت ئارقىلىق قاتنىغان نۆۋەتچى پويىز جەمئىي 90 مىڭ قېتىمدىن ئاشتى

2025-03-27 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنىگىچە، قورغاس، ئالاتاۋ تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق قاتنىغان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى جەمئىي 90 مىڭ قېتىمدىن ئاشقان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشى ۋە شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، دۆلەت ئىچىدىكى كۆپلىگەن ئۆلكىلەر ھەمدە شىنجاڭدىن يولغا چىقىدىغان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانى يىلدىن - يىلغا كۆپەيدى، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا ئىككى پورت ئارقىلىق قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ سانىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. 2024 - يىلى، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا ئىككى پورت ئارقىلىق قاتنىغان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 16 مىڭ 400 قېتىمغا يېتىپ، 2023 - يىلىدىكىدىن14 ئاشتى؛ ئۇدا بەش يىل قاتناش مىقدارى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق بولۇش، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1000 قېتىمدىن ئارتۇق ئېشىشنى ساقلىدى.

چېگرا ھالقىغان سودا ئېھتىياجى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ۋەزىيەتتە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى پورت ۋە ئارقا سەپ يوللىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش بويىچە ئۆزگەرتىشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى، لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ جىڭدىن ئالاتاۋغىچە بولغان يېڭىدىن قۇرۇلغان 2 - لىنىيەسىدە پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىش، ئالاتاۋ ۋوگزالىنىڭ يۈرۈشلەشكەن ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش مەيدانىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە ئەگىشىپ، پورت ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىقتىدارى يەنىمۇ كۈچەيدى. بۇلتۇردىن بۇيان، ئالاتاۋ ۋوگزالىدا بىر كۈندە قاتنايدىغان كەڭ رېلىسلىق پويىز سانىدا ئۇدا ئالتە قېتىم رېكورت يېڭىلاندى، بىر كۈندە قاتنايدىغان كەڭ رېلىسلىق پويىز ئەڭ كۆپ بولغاندا 22 جۈپكە، بىر كۈندە قاتنايدىغان ئۆلچەملىك رېلىسلىق پويىز ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 جۈپكە يەتتى.

شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىشقا قوماندانلىق قىلىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تىرانسپورت بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ قاتنىشىغا قارىتا بىر گەۋدە بويىچە قوماندانلىق قىلىش، بىرتۇتاش نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولى، جىڭ - قورغاس تۆمۈريولى ھەم جۇڭگو - قازاقىستان تۆمۈريولى ئارىسىدىكى پويىزلارنىڭ يۈرۈش خەرىتىسىنى مۇۋاپىق سىزىپ ۋە تەڭشەپ، پويىز ئېقىمىنى تەشكىللەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، چېگرادىن كىرىدىغان - چىقىدىغان نۆۋەتچى پويىزلارغا قارىتا «ئالدىن يۆتكەپ قاچىلاش، ئالدىن گۇرۇپپىلاش، ئالدىن توشۇش»نى يولغا قويۇپ، ھەرقايسى لىنىيەلەردىكى مەشغۇلات تۈرلىرىنى جانلىق تەڭشەپ، پويىزلارنىڭ يۈرۈشۈشى - ئايلىنىشىنى تېزلەتتى. قايتىدىغان نۆۋەتچى پويىز تىرانسپورتىنى تەشكىللەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن مۇساپىلىك ۋاقىت جەدۋىلىدىكى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

ئۈرۈمچى تاموژنىسى تۆمۈريول مال تىزىملىكىنى بىرلەشتۈرۈش، «تۆمۈريولدا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، «24×7 سائەت» ئالدىن كېلىشىپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مېخانىزمىنى ئورناتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى مۇلازىمەت مەخسۇس كۆزنىكى تەسىس قىلىپ، پويىزنى بىر قېتىملا توختىتىپ، تاموژنا، چېگرا تەكشۈرۈش ئوخشاش بىر رايوندا بىرلا ۋاقىتتا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېتىشنى تاماملاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەككە نۆۋەتچى پويىزنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى 30 مىنۇت تېجەپ، جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تاموژنىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

نۆۋەتتە، ئالاتاۋ تۆمۈريول پورتىدىن قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى 123كە يېتىپ، قازاقىستان، پولشا قاتارلىق 21 دۆلەتكە تۇتاشتى؛ قورغاس تۆمۈريول پورتىدىن قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى 87گە يەتكەن بولۇپ، چېگرا سىرتىدىكى 18 دۆلەت، 46 شەھەر ۋە رايونغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.