شىنجاڭ بۇ يىل 30 ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىپ، ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بار ئىقتىدارىدىن قالغان 2000 ياشانغان كىشىگە ئائىلىدە كۈتۈنۈش كارىۋىتى تەييارلاپ بېرىدۇ

2025-03-29 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سو روڭجى خەۋەر قىلىدۇ) 3-ئاينىڭ 24-كۈنى، مۇخبىرنىڭ 2025-يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلئاپتونوم رايون ياشانغانلارنى ئائىلىدە، مەھەللىدە كۈتۈش مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، 30 ناھىيە دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزى ۋە يېزا-بازار (كوچا ئىش باشقارمىسى)دا، رايون ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى پىلانلىغان، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارئىقتىدارىدىن قالغان، قىسمەن ئىقتىدارىدىن قالغان 2000 ياشانغان كىشىگە ئائىلىدە كۈتۈنۈش كارىۋىتى تەييارلاپ، ئائىلىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار 5000 ياشانغانلار ئائىلىسىنىياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىدىكەن.


2024-يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز ياشانغانلار خىزمىتى ۋە ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىي 855 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ياشانغانلار غىزالىنىش مۇلازىمەت نۇقتىسىدىن 11 مىڭنى قۇردى، ئېغىر قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلار ئائىلىسىدىن 12 مىڭ 786نى ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىپ، يېزا-بازار (كوچا ئىش باشقارمىسى)لاردا رايون ياشانغانلارنى كۈتۈش مۇلازىمەت مەركىزى ۋە مەھەللە ياشانغانلارنى كۈندۈزلۈككۈتۈش مەركىزىدىن 103ى قۇردى، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا-بازار (كوچا ئىش باشقارمىسى)لاردا رايون ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ قاپلاش نىسبىتى %68.9كە، مەھەللە كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت بىلەن قاپلاش نىسبىتى %85.9كە يەتتى. پۈتۈن بىر يىلدا ياشانغانلارغا 350 مىليون يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقىتىلدىھەم ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار، ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلارغا ياردەم پۇلى بېرىش تۈزۈمىئورنىتىلىپ، مەركەزلەشتۈرۈپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتى مەبلىغىدىن 6 مىليون 897 مىڭ يۈەن چىقىم قىلىندى.


بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچ دەرىجىلىك ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت تورى قۇرۇلۇشى، ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش قاتارلىق كۆپ تەرەپتىن كۈچەپ، تىرىشىپ ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكاممۇللاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىياسىتى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىش جەھەتتە، يېزا ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش، ساقلانما بايلىقنى ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرىگەئۆزگەرتىپ قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەت-ھۆججەتلەرنى چىقىرىپ، يار-يۆلەك بولۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياشانغانلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئۇنىۋېرسال باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ.

ئۈچ دەرىجىلىك ياشانغانلارنى كۈتۈش مۇلازىمەت تورى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ھەر دەرىجىلىك ياشانغانلارنى كۈتۈش مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى پونكىت-نۇقتىلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەھەر-يېزا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ياشانغانلارنى كۈتۈش بويىچەھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكىمۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنىڭ بوش قېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ياشانغانلارنى كۈتۈش مۇلازىمىتىنى ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تاكاممۇللاشتۇرۇپ، ياشانغانلارنى كۈتۈش مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ياشانغانلارنى ئاخىرقى ئۆمرىنى بەختلىك ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى