مەملىكەت بويىچە تۇنجى قاتنىدى! ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى!

2025-04-24 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

    4-ئاينىڭ 21-كۈنى، مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۆمۈريول، ھاۋا بىرلەشمە تىرانسپورتى چېگرا ھالقىغان نۆۋەتچى پويىزى «گۇاڭدۇڭ-شىنجاڭ تېز لىنىيەسى» 4500 كىلومېتىرلىق تۆمۈريول بۆلىكى «مۇساپىسى»نى تاماملاپ، ئۈرۈمچى سەنپىڭ ۋوگزالىغا يېتىپ كەلدى، بۇ مەخسۇس پويىزدىكى 70 توننىدىن ئارتۇق يۈك دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئارقىلىق ياۋروپاغا بارىدۇ.​

4-ئاينىڭ 21-كۈنى، مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۆمۈريول، ھاۋا بىرلەشمە تىرانسپورتى چېگرا ھالقىغان نۆۋەتچى پويىزى «گۇاڭدۇڭ-شىنجاڭ تېز لىنىيەسى» ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى.

شۈ يې فوتوسى

   بۇ، مەملىكەت بويىچە تۇنجى قېتىم «دۆلەت ئىچى تۆمۈريولى + خەلقئارا ئاۋىياتسىيە» يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسى قوللىنىلىپ، تۆمۈريول، ھاۋا بىرلەشمە تىرانسپورتى چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى چوڭ يولىنىڭ ئېچىلىشى بولۇپ، خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى.

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى