ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: دەل ـ دەرەخ، گۈل ـ گىياھلار بىخ سۈردى، باھاردا ھەممە جاي ئۈمىدكە تولدى. گۈزەل باھار پەسلىدە، 4 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئۈرۈمچى ناھىيەسى ئۈرۈمچى ـ بەنفاڭگوۋ، ئۈرۈمچى ـ شۇيشىگوۋ تاشيولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئېكولوگىيە ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا كېلىپ، كوللېكتىپ خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ كۆپ يىل ئۈزلۈكسىز تىرىشىشى نەتىجىسىدە، ئۈرۈمچى ناھىيەسى ئۈرۈمچى ـ بەنفاڭگوۋ، ئۈرۈمچى ـ شۇيشىگوۋ تاشيولىنىڭ ئىككى تەرىپىدە 30 مىڭ موغا يېقىن يەردىكى ئېكولوگىيە ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى تاماملانغان بولۇپ، كەڭ كەتكەن بۈك ـ باراقسان دەل ـ دەرەخلەر ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرگەنىدى. ئورمان بىنا قىلىش نەتىجىسىگە تايىنىپ، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت شەھەر ئەتراپى دالا باغچىسى قۇرۇپ، ئېچىۋېتىلگەن، ھەمبەھرىلىنىدىغان يېشىل ئېكولوگىيەلىك ئىستىراھەت رايونى بەرپا قىلىشنى پىلانلىماقتا. ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار كۆچەت تىكىش نۇقتىسىغا كېلىپلا، گۈرجەكنى ئېلىپ، كۆچەت تىكىۋاتقان كادىرلار، ئامما، پىيونېرلار بىلەن بىرلىكتە ئەمگەك قىلدى. كۆپچىلىك گۈرجەك بىلەن توپا ئۇسۇپ، توپا يۆلەپ قىر چىقىرىپ، سۇ ئەكىلىپ سۇغىرىپ، ئارقا ـ ئارقىدىن كۆچەت تىكتى. كۆچەت تىكىش ئارىلىقىدا، ما شىڭرۇي ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلاردىن بۇ رايوننىڭ كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش ۋە دالا باغچىسى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى سورىدى، كۆپچىلىككە پىلان لايىھەسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇرۇش، قوغداش خىزمىتىنى ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، باغچىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئامما ئارام ئالىدىغان ياخشى جاي بەرپا قىلىشنى تاپىلىدى. ئۇ يەنە سەمىمىي ھالدا بالىلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سوراپ، ئۇلارنى ئۆگىنىشنى قىزغىن سۆيۈپ، ئەمگەكنى قىزغىن سۆيۈپ، كىچىكىدىن باشلاپ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، تىرىشىپ دۆلەتكە، جەمئىيەتكە ياراملىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشكە ئىلھاملاندۇردى.
ما شىڭرۇي پائالىيەت مەزگىلىدە مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭدا دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا، مۇھىمى ئۆز ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات ئېھتىياجى، سۇ بايلىقى چەكلىمىسى قاتارلىق ئامىللارنى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، شەھەر ـ يېزىلارنى كۆكەرتىش خىزمىتىنى ئىلمىي، ئەمەلىي، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا ياخشى ئىشلەش كېرەك. شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پايتەختتىكى خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، يېشىللىقنى راۋاجلاندۇرۇش، يېشىللىقنى قوغداشنى تەڭ تۇتۇشتا، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ۋە سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ تاغلىرىنى تېخىمۇ كۆكەرتىش، يەرلىرىنى تېخىمۇ يېشىللاشتۇرۇش كېرەك. بۇ يىل تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، دىققەتنى نۇقتىلىق رايونلاردا ئىلمىي تۈزەش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشنى ئالغا سىلجىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، قاشالانغان گىرۋەكنىڭ يېشىل مۇداپىئە بەلبېغىنىڭ كەڭلىكىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، «يېشىل شارپا»نى تېخىمۇ قېلىن قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش كېرەك.
بۇ يىل، ئاپتونوم رايون بويىچە 1 مىليون 200 مىڭ مو يەردە ئورمان بىنا قىلىش، 4 مىليون 800 مىڭ مو يەرگە ئوت ـ چۆپ تېرىپ ياخشىلاش، 3 مىليون مو قۇملاشقان يەرنى تۈزەشنى تاماملاش پىلانلاندى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قىسمەن كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.