​مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئىش قىلىش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2025-03-30 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى

مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئىش قىلىش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىجاڭ لېيخەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى تاۋلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى تەرتىپ بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەگە، پۈتۈن جەمئىيەتكە ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم جاكارلاپ، قەتئىي بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، ئاخىرىغىچە چىڭ تۇتۇشتەك قەتئىي ئىرادىسىنى بىلدۈردى. قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئاڭ، ئىنتىزام ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى نەتىجىسى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق كۆرسەتتى: مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش باش تېما تەربىيەسى ۋە پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر، پارتىيە ئەزالىرى بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى. «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، نىشان - ۋەزىپە، ئاچقۇچلۇق ھالقا ۋە نۇقتىلىق ئوبيېكتلارنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئۆگىنىش، تېپىش، ئۆزگەرتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، بىلىش، رىئايە قىلىش، قىلىش جەھەتتە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، ئەمەلدە كۆرسىتىلىشى، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆگىنىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە ئاساسىنى پۇختىلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەلبكە سىڭدۈرۈش، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىش ئارقىلىق سىياسىيدا بىرلىككە كېلىش، ھەرىكەتتە بىرلىككە كېلىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نىشانلىق دەل جايىدا تۈزەپ، ئۆگىنىش، تېپىش، ئۆزگەرتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، ماسلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىشنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى باش تېما تەربىيەسى، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كۈندىلىك خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، دائىم تۇتۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنىنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. رەھبەرلەر باشلامچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىدىيەدە ئالدىدا مېڭىش، قائىدىنى ئالدىن تۈزۈش، خىزمەتتە باشلامچى بولۇپ ئىشلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىش، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ قوشۇشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇش كېرەك.