شىنجاڭ گېزىتى، شەرقىي جۇڭغار، 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى گې يوۋجۈن، جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، شىنجاڭ سانائەت قۇرۇلۇش شۆيۈەنىدىن كەلگەن 108 دوكتور، شىنجاڭ داشۆدىن كەلگەن 40 مۇتەخەسسىس، پىروفېسسور شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى تۇپرىقىغا قەدەم قويدى. بۇنىڭدىن كېيىن، بۇ جاي مۇشۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان چوڭ سەھنىگە ئايلىنىدۇ.
شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى − شىنجاڭ داشۆ كۆزگە كۆرۈنگەن ئىنژېنېرلار ئەمەلىيەت بازىسىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ھەم شىنجاڭ سانائەت قۇرۇلۇش شۆيۈەنى «100 دوكتور 100 كارخانىدا تۇرۇش» پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، شىنجاڭ داشۆ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى بىلەن شەرقىي جۇڭغار كۆزگە كۆرۈنگەن ئىنژېنېرلار ئەمەلىيەت بازىسى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى ھەم بازا يوپۇقىنى ئاچتى؛ شىنجاڭ سانائەت قۇرۇلۇش شۆيۈەنى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى بىلەن «100 دوكتور 100 كارخانىدا تۇرۇش» ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئۈچ تەرەپ «مەكتەپ، يەرلىك، كارخانا» ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇش يۇغۇرۇلغان، پەن تەتقىقات بىلەن مائارىپ يۇغۇرۇلغان» تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى ئورتاق كېڭىشىدۇ، ئورتاق بەرپا قىلىدۇ.
شىنجاڭ داشۆ پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ما شىنبىڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ داشۆ پەن، سۇپا ۋە تەتقىقات ئاساسىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى كەسىپلەر ھەم كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، مۇرەككەپ قۇرۇلۇش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالايدىغان كۆزگە كۆرۈنگەن بىر تۈركۈم ئىنژېنېرلارنى بىرلىكتە يېتىشتۈرۈپ، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ داشۆ ھەر يىلى كۆپ تۈركۈم قېتىمدا مۇتەخەسسىس، پىروفېسسورلارنى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا بېرىشقا تەشكىللەپ، پەن - تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش، تېخنىكىدىن مەسلىھەت بېرىش، تېخنىكا مۇلازىمىتى ۋە نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ.
كېلىشىمگە ئاساسەن، شىنجاڭ سانائەت قۇرۇلۇش شۆيۈەنى 108 دوكتور ئىختىساسلىقنى شەرقىي جۇڭغاردىكى كارخانىلاردا تۇرۇشقا تاللاپ ئەۋەتىپ، پەن تەتقىقاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. شىنجاڭ سانائەت قۇرۇلۇش شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى يۈخۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: 100 دوكتور كارخانىلاردا تۇرۇشنى ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردىكى قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانىلارنىڭ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئوقۇتۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي قوللىنىش تىپىدىكى، بىرىكمە تىپتىكى تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىمىز.
شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى شىنجاڭدىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشقان تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك تەرەققىيات رايونى. نۆۋەتتە، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، كىرېمنىيلىق ئاليومىن يېڭى ماتېرىيالىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك كەسىپلەر توپىنى ھەم كۆمۈردىن پاكىز پايدىلىنىش، كۆمۈر ئېلېكتىر، يېڭى ئېنېرگىيەدىن ئىبارەت ئۈچ 10 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك كەسىپلەر توپىنى كۈچەپ بەرپا قىلماقتا.
«ئىختىساسلىقلارنى گۈللەندۈرگەندە، ئاندىن ئىشلارنى گۈللەندۈرگىلى بولىدۇ.» سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ خۇي مۇنداق دېدى: شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئالىي مەكتەپلەر، كارخانىلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، مۇتەخەسسىس، ئىختىساسلىقلارنىڭ «ئالتۇن چارىلىرى» ئارقىلىق كەسىپ تەرەققىياتىدا «ئالتۇن مېۋىلەر»گە ئېرىشىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ پەن - تېخنىكىدىكى «ئاچقۇچلۇق ئۆزگەرگۈچى مىقدارى»نى تەرەققىياتتىكى «ئەڭ زور ئېشىش مىقدارى»غا ئايلاندۇرۇپ، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ.