24 تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپە دەريا - كۆللەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدۇ

2025-03-29 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 شىنجاڭ 2025 - يىللىق دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى ئېلان قىلدى

24 تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپە دەريا - كۆللەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدۇ


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى كاڭ خاۋيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا «2025 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى» بېسىپ تارقىتىلىپ يولغا قويۇلغان، «بىخەتەر دەريا - كۆل، ھاياتلىق دەريا - كۆلى، بەخت دەريا - كۆلى» قۇرۇلۇشى نىشانى چۆرىدىلىپ، يەتتە ساھەدە 24 تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان بولۇپ، تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇش ئارقىلىق مەسئۇلىيەت چىڭىتىلىپ، دەريا - كۆللەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىدىكەن.

«خىزمەت مۇھىم نۇقتىلىرى»دا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2025 - يىلى دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، مەمۇرىي رايون ھالقىغان، تارماق ھالقىغان بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، 2 - تۈركۈمدىكى 22 دەريا ئېقىنىنىڭ ساغلاملىقىنى باھالاش ئالغا سىلجىتىلىپ، دەريا - كۆللەرنى ئاقىل نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىدۇ. سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش، قوغداش جەھەتتە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى «توققۇز مەنبە، بىر غول ئېقىن»، شىمالىي شىنجاڭدىكى «ئالتە دەريا، بىر كۆل»نىڭ ئاپپارات، خادىم، مۈلكىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق «كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىش»لار ياخشى ئىشلىنىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىش مىقدارى 12 مىليارد كۇب مېتىر ئىچىدە قاتتىق كونترول قىلىنىپ، ئېتىزلارنى سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كوئېففىتسېنتى 0.585كە ئۆستۈرۈلىدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، شىنجاڭ سۇ بايلىقى ھەققىنى باجغا ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي پىشاڭ ئارقىلىق سۇ تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.

دەريا - كۆل سۇ رايونى قىرغاق لىنىيەسىنى باشقۇرۇش، قوغداش، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، سۇ مۇھىتىنى تۈزەش، سۇ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشقا قارىتا، «خىزمەت مۇھىم نۇقتىلىرى»دا كۆپ تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، نۇقتىلىق دەريا، كۆللەرنى باشقۇرۇش دائىرىسىنى ئايرىپ قايتا تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش؛ ئۈرۈمچى شەھىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ ھاسىلىي سۇدىن ئايلانما پايدىلىنىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش؛ سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق كەسپىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش؛ تارىم دەرياسى قاتارلىق نۇقتىلىق ۋادىلار ھەم ئۇلۇنگۇر كۆلى، باغراش كۆلىگە ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش، سۇ تولۇقلاشنى قانات يايدۇرۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىنى قاشالاش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2024 - يىلى شىنجاڭ دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى سىجىل كۈچەيتىپ، باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. شىنجاڭ بويىچە ھەر دەرىجىلىك دەريا - كۆل باشلىقلىرى جەمئىي 230 مىڭ 200 ئادەم قېتىم دەريا چارلىغان، «تۆت قالايمىقان» مەسىلىسىدىن 352نى بايقاپ ھەل قىلغان؛ ئېكولوگىيەلىك تولۇقلانغان سۇ جەمئىي 8 مىليارد 404 مىليون كۇب مېتىر بولغان؛ بورتالا دەرياسى، ئۇلۇنگۇر دەرياسىنى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، سۇ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئەمەلىي ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلگەن. قاتتىق باشقۇرۇش، كونترول قىلىش، سىستېمىلىق تۈزەشنى كۈچەيتىش جەھەتتە، «بوشلۇق، ھاۋا، يەر» بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، 4244 يەر بۆلىكىدە يىراقتىن سېزىش بويىچە قايتا تەكشۈرۈش ئومۇميۈزلۈك تاماملانغان، 144 نۇقتىلىق دەريا بۆلىكىگە مەسئۇل كىشىنىڭ ئۇچۇرىنى تولۇق ئاشكارىلاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان؛ ئىلى جىرغىلاڭ دەرياسى شىنجاڭدىكى تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك بەخت دەرياسى - كۆلى قۇرۇلۇشى تۈرى بولۇپ قالغان، ئاپتونوم رايون بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بەخت دەرياسى - كۆلىدىن 22سى قايتا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئۆتكەن، 95 دەريا - كۆلنىڭ ساغلاملىقىنى باھالاش تاماملانغان.