قەلبىدە پارتىيە بولۇش، قەلبىدە خەلق بولۇش، قەلبىدە مەسئۇلىيەت بولۇش، قەلبىدە ئاگاھ بولۇشنى باشتىن - ئاخىر ئىشقا ئاشۇرۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2025-04-19 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايون بويىچە ناھىيەلىك، شەھەرلىك، رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ باش ۋەزىپىدىكى كادىرلىرىغا دەرس ئۆتتى

قەلبىدە پارتىيە بولۇش، قەلبىدە خەلق بولۇش، قەلبىدە مەسئۇلىيەت بولۇش، قەلبىدە ئاگاھ بولۇشنى باشتىن - ئاخىر ئىشقا ئاشۇرۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بۇ يىل ئىككى قارارغا بۆلۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ناھىيەلىك، شەھەرلىك، رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ باش ۋەزىپىدىكى كادىرلىرىنى تولۇق قاپلىغان بىر نۆۋەتلىك تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي تۇنجى قارارلىق تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ كۇرسانتلىرىغا دەرس ئۆتۈپ، مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر قەلبىدە پارتىيە بولۇش، قەلبىدە خەلق بولۇش، قەلبىدە مەسئۇلىيەت بولۇش، قەلبىدە ئاگاھ بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ۋىلايەت، ناھىيە ياخشى ئىدارە قىلىنسا جاھان تىنچ بولىدۇ، ناھىيە رايونى گۈللەنسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىنى چىقىش قىلىپ، ناھىيە رايونىنى ئىدارە قىلىش ۋە ناھىيە دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ناھىيە رايونىنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم رولىنى چوڭقۇر ئىزاھلاپ، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىسى ۋەكىللىكىدىكى ئاساسىي قاتلامدىكى رەھبىرىي كادىرلارغا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ما شىڭرۇي باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ناھىيەلىك، شەھەرلىك، رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ باش ۋەزىپىدىكى كادىرلىرىنىڭ قانداق قىلغاندا شۇ جاينىڭ ئىسلاھاتىنى پىلانلاش، شۇ جاينىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، شۇ جاينىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئالالايدىغانلىقى توغرىسىدا ھەرقايسى كۇرسانتلارغا چوڭقۇر چۈشەندۈرۈش ئېلىپ باردى.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: «قەلبىدە پارتىيە بولۇش»نى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، مۇتلەق سادىق بولۇشتەك سىياسىي پەزىلەتنى مۇستەھكەملەپ، قەتئىي تۈردە سىياسىي جەھەتتە سەگەك ئادەم بولۇش كېرەك. سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ زور ئومۇمىيەت قىلىپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاپ، باشتىن - ئاخىر سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تولۇق، دەل جايىدا چۈشىنىش، قەتئىي بوشاشماي تۈرتكە بولۇش، كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، پارتىيەنىڭ يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نەمۇنىلىك بىلەن دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىپ، «بەش جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «يەتتە خىل قىلمىش»نىڭ ئالدىنى ئېلىپ، «ئۈچ قەتئىي يول قويماسلىق»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە باشتىن - ئاخىر مەيدانى مۇستەھكەم، بايراق روشەن بولۇش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: «قەلبىدە خەلق بولۇش»نى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، توغرا بولغان سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، قەتئىي تۈردە ئاممىنىڭ سىردىشى بولۇش كېرەك. «كىبىر»نى تاشلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئامما ئارىسىغا بېرىپ، ئامما بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىپ، ئامما ئويلاۋاتقان، كۈتۈۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىق، ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى ياخشى ھەل قىلىش، توردىكى ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. «ئورۇن»نى توغرىلاپ، قولىدىكى ھوقۇقنى پارتىيە ۋە خەلق بەرگەنلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىپ، ھەقىقىي تۈردە كۆڭۈلنى توختىتىپ، پۈتۈن دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ئاممىغا ھەقىقىي بەخت - سائادەت يارىتىش، ئۆزى ئۈچۈن پۇشايمانسىز كىشىلىك ھايات كەچۈرمىشى قالدۇرۇش كېرەك. «ئۈلگە» بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىستىلنى ئۆزگەرتىپ، توغرا ئىستىل تۇرغۇزۇپ، يېڭى ئىستىل تىكلەپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلەپ، بىرىنچى سەپكە چۆكۈپ مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزەش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: «قەلبىدە مەسئۇلىيەت بولۇش»نى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تۈردە تەرەققىياتنىڭ يول ئاچقۇچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈچلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى زور يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ بىرتۇتاش ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا مۇلازىمەت قىلىشنى كۆزلەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، ناھىيەنى كۈچەيتىش، خەلقنى بېيىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەۋزەل يوشۇرۇن كۈچلەرنى چوڭقۇر قېزىپ، ئەۋزەل كەسىپلەر، تۈۋرۈك كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن قىياپەت بىلەن ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ناھىيە رايونى تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، بېكىنمىچىلىك، مۇتەئەسسىپلىك، بىر ئىزدا توختاپ قېلىپ بېكىنىۋېلىش قاتارلىق ئاسارەتلەرنى قەتئىي تۈگىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى، ئىسلاھات چارىسى، بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاشقا ماھىر بولۇپ، ئىشلەتكىلى بولىدىغان مالىيە كۈچىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ، بايلىق، مۈلۈكنى جانلاندۇرۇپ، قەرز خەۋپ - خەتىرىنى تۈگىتىپ، ناھىيە رايونى تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك، نەتىجە قازىنىشقا ئالدىراپ كېتىش خاھىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: «قەلبىدە ئاگاھ بولۇش»نى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىرىشىپ ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىپ، قەتئىي تۈردە بەنزىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزى ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان جايلارنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، پاك - تەلەپچان بولۇش تۆۋەن چېكىنى قاتتىق ساقلاپ، ھوقۇقنى پاك ئىشلىتىش ئۆلچەم سىزىقىنى پۇختىلاپ، پاك ئائىلە ئىستىلى مۇداپىئە سېپى بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك ھادىسىلىرىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ساپ يولداشلىق مۇناسىۋىتى، قائىدە - يوسۇنلۇق يۇقىرى - تۆۋەن مۇناسىۋىتى، يېقىن بولۇش بىلەن پاك بولۇش بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن يېڭىچە ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە ۋە جەمئىيەت كەيپىياتىنىڭ ياخشى يېتەكچىسى، ياخشى بەرپا قىلغۇچىسى، ياخشى قوغدىغۇچىسى بولۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك.

ۋاڭ لىن رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتناشتى. 2 - قارارلىق تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ كۇرسانتلىرى سىن شەكلىدە دەرس ئاڭلىدى.