ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى ۋە سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
تىرىشىپ شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە پەن - تېخنىكا كۈچلۈك رايونى يولىنى تېپىپ چىقىش، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك
3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتىدە، شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، نۇقتىلىق پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرى ۋە مۇھىم پەن - تېخنىكا ۋەزىپىلىرىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى ۋە سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئېھتىياجىنى زىچ چۆرىدەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىق ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، تېخىمۇ يۇقىرى يۈكسەكلىك ۋە تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە ئارقىلىق پەن - تېخنىكا كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى كاپالەت ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتىدە، ما شىڭرۇي شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، نۇقتىلىق پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرى ۋە مۇھىم پەن - تېخنىكا ۋەزىپىلىرىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، شىنجاڭنى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتىكى پىكىر يولى ۋە تەدبىرلەرنى چۆرىدەپ، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭ مەۋقەنى ئۆز بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە كەسىپ شارائىتىغا قويۇپ، ئەمەلىي قوللىنىشچان تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. جەزمەن «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى چىڭ كۆزلەپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا، ئاچقۇچ كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا دەل جايىدا ماس كېلىدىغان، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر تۈركۈم پەن - تېخنىكا تۈرلىرىنى پىلانلاپ يولغا قويۇشتا. ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، ئەۋزەل بايلىق كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا نىشانلىق تۈرتكە بولۇش كېرەك. پەن - تېخنىكا تەرەققىيات مەبلىغىنى مۇقىم ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى تەتقىق قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپ ۋە تۈرلۈك پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن تەتقىقات سۇپىسى ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى زورايتىشقا يېتەكلەپ، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى تېز توپلايدىغان، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى بەس - بەستە ئۇرغۇتىدىغان، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ما شىڭرۇي پەن - تېخنىكا نازارىتىدىكى ئالاقىدار باشقارما، ئىشخانىلارنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىسلاھات ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىش، ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پەن - تېخنىكا سىستېمىسىدىكى رەھبىرىي كادىرلار ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پىكىر يولى ۋە نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى پەن - تېخنىكا، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئىگىلەشكە ماھىر بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېھتىياجىنى كۆزلەپ، خىزمەتلەرنى چوڭقۇر پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە پەن - تېخنىكا كۈچلۈك رايونى يولىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىدا، ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، ساقلىق ساقلاش مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلارنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ خىزمەت تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى، ئالاقىدار باشقارما، ئىشخانىلارغا كىرىپ چوڭقۇر ئەھۋال ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن شىنجاڭدىكى داۋالاش بايلىقىنى تەكشى ئورۇنلاشتۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، داۋالاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارى ئاجىز بولغان ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى دوختۇرخانىلارغا يار - يۆلەك بولۇش، يېتەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتىنىڭ مەنپەئەتلەندۈرۈشچانلىقى، ئادىللىقى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغان جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىنى پىلانلاپ بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جۇڭيى تېبابىتى مىللەتلەر تېبابىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئۈنۈملۈك تىرەك بولۇش ۋە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، «پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم دوختۇر»لارنى ناھىيە دەرىجىلىك داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىشقا يېتەكلەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش - سەھىيە مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شىنجاڭ خەلقئارا داۋالاش مەركىزىنىڭ يۈرۈشۈشىنى مۇقىم، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، داۋالاشنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ھەمكارلىق ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ما شىڭرۇي يەنە ئاپتونوم رايونلۇق تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىگە بېرىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ۋە مۇنداق تەكىتلىدى: تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دائىم تەييار تۇرۇپ بوشاشماي، خىزمەت سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تارماقلار ئارا ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇش ۋە ئۇچۇرلارنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش سۈرئىتىنى ۋە قۇتقۇزۇش - داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: تېببىي دورا ساھەسى خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشتىكى ئاساسىي بازا بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال ساغلاملىق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ساھەسىدىكى ئىستىل قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش كېرەك.
ۋاڭ لىن، قەيسەر ئابدۇكېرىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.