قومۇلدا بىر ئوتتۇرا تىپتىكى ئالتۇن كان بايقالدى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان زاپىسى 5.8 توننىغا يەتتى

2025-04-24 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋېي يۇڭگۇي، ئىختىيارىي مۇخبىرتيەن يۈ خەۋەر قىلىدۇ) قومۇل شەھەرلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىشىچە، شىبۇ ئالتۇنچىلىقى قومۇل ئالتۇن كېنى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى يېماچۈەن غەربىي كان رايونىدا ئالتۇن كېنى ئىزدەش جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئالتۇن كاندىن بىرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان، ئۇنىڭ رۇدا مىقدارى 3 مىليون 672 مىڭ 100 توننا، ئالتۇن مىقدارى 5857.68 كىلوگىرام ئىكەن، ھەر توننا رۇدا تەركىبىدىكى ئالتۇن دەرىجىسى 1.60 گىرام ئەتراپىدا بولۇپ، ھەر توننا رودا تەركىبىدىكى ئالتۇن دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 40 گىرامغا يېتىدىكەن.

4-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىبۇ ئالتۇنچىلىقى قومۇل ئالتۇن كېنى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مېخانىزم چارلاپ تەكشۈرۈش تېخنىك خادىملىرى قومۇل شەھىرىنىڭ يېماچۈەن غەربىي كان رايونىدا تاش ئۆزەكنى تەكشۈرمەكتە.   پولات نىياز فوتوسى

   «2024-يىلى، بىز ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش دوكلاتى تاپشۇرغان ئىدۇق، بۇ ئالتۇن كان ياتمىسىنىڭ زاپاس مىقدارى 5.8 توننا كېلىدىكەن. 2025-يىلى، بىز خىزمەت پىلانى بويىچە 16 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ داۋاملىق چارلاپ تەكشۈردۇق، ھازىر ئەمەلىي بۇيۇم خىزمەت مىقدارىدىن 13 مىڭ 700 مېتىر تاماملىدۇق. نۆۋەتتە چارلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ناھايىتى كۆڭۈلدىكىدەك بولدى.» 4-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىبۇ ئالتۇنچىلىقى قومۇل ئالتۇن كېنى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سۈن تىڭبىن مۇنداق تونۇشتۇردى: دۆلىتىمىزنىڭ «تاغ جىنسلىرى ئالتۇن كېنىنى گېئولوگىيەلىك چارلاپ تەكشۈرۈش قائىدىسى»گە ئاساسلانغاندا، ئوتتۇرا تىپتىكى ئالتۇن كاننىڭ ئالتۇن زاپىسى ئادەتتە بەش توننىدىن 20 توننىغىچە بولسا، بۇ ئالتۇن كاننىڭ كۆلىمى ئوتتۇرا تىپتىكى ئالتۇن كان ئۆلچىمىگە يەتكەن بولىدۇ.

    شىبۇ ئالتۇنچىلىقى قومۇل ئالتۇن كېنى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 2016-يىلى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلۇپ، قومۇل شەھىرىنىڭ يېماچۈەن غەربىي كان رايونىدا كان ئېچىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن، 2024-يىلى 4 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ئەمەلىي بۇيۇم خىزمەت مىقدارىدىن 5700 مېتىر تاماملىدى. چارلاپ تەكشۈرۈش سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىركەت چارلاپ تەكشۈرۈش ئەترىتى تەشكىللەپ، كۆپ خىل ئۇسۇل ۋە كۆپ ئۆلچەمدە ئۇنىۋېرسال چارلاپ تەكشۈرۈش تېخنىكىلىق ئۇسۇل گۇرۇپپىسى بەرپا قىلىپ، گېئولوگىيەلىك كان ئىزدەش نەزەرىيەسىنى ئاساس قىلىپ، «چوڭ سانلىق مەلۇمات-چوڭ مودېل-چوڭ ھېسابلاش كۈچى» بويىچە كان شەكىللىنىش ئالدىن مۆلچەر مودېلىغا بىرلەشتۈرۈپ، كان چارلاش ۋە كان ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر جاي، يانتۇ جايلاردا بۆسۈش قىلىپ، بىر قاتار نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

   «پىلان بويىچە، شىركەت 2026-يىلى كان ئاساسىي قۇرۇلۇش باسقۇچىغا كىرىدۇ، 2027-يىلى يىلىغا 500 مىڭ توننا رۇدا قېزىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ» دېدى سۈن تىڭبىن.

   ھازىر قومۇل شەھىرىدە بايلىق مىقدارى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىق كېنىدىن 486سى(بىللە ھاسىل بولغان قېزىلما بايلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بار، بۇنىڭ ئىچىدە مېتال بايلىقى مىقدارى 1 مىليون 240 مىڭ توننىغا يېتىپ، پۈتۈن شىنجاڭ مېتال بايلىقى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %64.2نى ئىگىلەپ، شىنجاڭ بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى