بېجىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك

2025-04-24 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئەركىن تۇنىياز باش بولۇپ ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان نۇقتىلىق تەۋسىيە، تەكلىپلەرنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى

بېجىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز مەخسۇس تېمىلىق يىغىننى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئۇ باش بولۇپ ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان نۇقتىلىق تەۋسىيە، تەكلىپلەرنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، مەسىلە يۆنىلىشىدە، نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەۋسىيە، تەكلىپلەرنى بېجىرىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىش مۇھاكىمە قىلىندى.

بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى گۈزەلقىز ئىسمايىل «يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارغا توك قاچىلاش پونكىتىنى پىلانلاش، قۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا» تېمىسىدىكى تەۋسىيەنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزاسى لى شۈەن «ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا» تېمىسىدىكى تەكلىپنى بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى مەسئۇل بولۇپ بېجىرىدىغان ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە بېجىرىدۇ.

يىغىندا، مەسئۇل بولۇپ بېجىرىدىغان ئورۇندىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار تەۋسىيە، تەكلىپلەرنى بېجىرىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى، مالىيە نازارىتى، تەبىئىي بايلىق نازارىتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى، قاتناش ـ تىرانسپورت نازارىتى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، شىنجاڭ باج ئىدارىسى ھەم دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار سۆز قىلدى. ئەركىن تۇنىياز كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيەسى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپىنى بېجىرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، تەۋسىيە، تەكلىپلەرنى ياخشى بېجىرىش يەنە ھۆكۈمەتنىڭ نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنىڭ ئىچكى تەلىپى، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ مۇھىم ئىپادىسى. ھەرقايسى مەسئۇل بولۇپ بېجىرىدىغان ئورۇنلار ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، نۇقتىلىق تەۋسىيە، تەكلىپلەرنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، خىزمەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىشنى كۈچەيتىپ، بېجىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى رازى قىلىشى، خەلق ئاممىسىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈشى كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارغا توك قاچىلاش پونكىتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى چوڭقۇر رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئەھۋالنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، تەدبىرلەرنى ئەمەلىي ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارغا توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىرىك پىلانىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈشنى تېزلىتىپ، شەھەرلەرنىڭ ئاممىۋى توك قاچىلاش تورى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، يېزا رايونلىرىنىڭ توك قاچىلاش تورى بىلەن شەھەر، شەھەرلەر ئارا توك قاچىلاش تورىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، سانائەت باغچە رايونىنىڭ ئىچكى قىسمى، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول مۇلازىمەت رايونى قاتارلىقلارنىڭ توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ناھىيە رايونىدىكى توك قاچىلاش، توك ئالماشتۇرۇش ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىناق نۇقتىسى قىلىنغان ناھىيە ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار يۈرۈشلەشكەن قوللاش سىياسىتىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، توك ئىشلىتىش، يەر ئىشلىتىش قاتارلىق ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، شەھەر ـ بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاھالىلەر رايونىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: بۇ يىل 1 ـ پەسىلدىكى ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ئىستېمال كۆرسەتكۈچى ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ۋىلايەت، ئوبلاستلار بويىچە، ساھەلەر بويىچە يەنىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، مالىيە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ قاراتمىلىققا ئىگە ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەت ـ تەدبىرلىرىنى چىقىرىش كېرەك. كۈچەپ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى يولغا قويۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، سودا، ساياھەت، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساغلاملىقنىڭ كۆپ خىللاشقان يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، بىر تۈركۈم باش تېمىسى روشەن ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم كۆپ خىللاشقان ئىستېمال يېڭى ھالىتىنى يارىتىپ، شەھەر ئىستېمالىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە يېزا ئىستېمالىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كۆپ ئىشلىگىلى بولسا كۆپ ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتۇش كېرەك.