شىنجاڭ سۇ بايلىقىغا تىرەك بولۇش ۋە كاپالەتلىك قىلىش بويىچە 24 تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

2025-04-01 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسى دافېڭ بازىرىدىكى خۇڭسەن سۇ ئامبىرى ۋە خۇڭسەن تۆۋەنكى سۇ ئامبىرىدا سۇ ساقلىنىپ، بۇ يىللىق ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، ئەتىيازلىق سۇغىرىشقا تەييارلىق قىلىنماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇتۇبى ناھىيەسى سۇ ئامبىرىنىڭ تەڭشەش، ساقلاش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سۇغىرىش رايونىنىڭ سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلدى.تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى كاڭ خاۋيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2025 - يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىلىرى» بېسىپ تارقىتىلغان، ئۇنىڭدا يەتتە جەھەتتىن 24 تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان بولۇپ، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ تەڭشەش، سۇنى كۆپەيتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەر بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش تېخىمۇ پۇختا بولغان سۇ بايلىقى تىرىكى، كاپالىتى بىلەن تەمىنلىنىدىكەن.

سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈش، سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە، «خىزمەت مۇھىم نۇقتىلىرى»دا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇ بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەرنىڭ سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ سۇ بايلىقىغا قاتتىق چەك قويۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇ تېجەش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، سۇغىرىش رايونلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ قۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىپ، يەر ئاستى سۈيىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ تارتىشنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك.

«سۇ تېجەشنى ئاچقۇچ، سۇ ساقلاشنى ئاساس، سۇ تەڭشەشنى تولۇقلىما، سۇ كۆپەيتىشنى كاپالەت قىلىش» تەلىپى بويىچە، «خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى»دا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، سۇچىلىقتا تەڭشەش - ساقلاش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ سۇ بايلىقىنى تەقسىملەشنى مۇۋاپىق ئەلالاشتۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى ئورۇنلاشتۇرۇش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۇ بايلىقىنى سىستېمىلىق تەقسىملەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ سۇ كۆپەيتىش خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېيىز قاتلامدىكى شورلۇق سۇنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى تېزلىتىپ، سۇ ئامبارلىرىدىكى لاي - لاتقىلارنى تازىلاپ، سۇنى تەڭشەش - ساقلاشنى كۈچەيتىپ، سۇ بايلىقىنى كۆپەيتىش، تولۇقلاش يوللىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېڭەيتىش كېرەك.

سۇچىلىق ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سۇ ئېكولوگىيەسى - مۇھىتىنى تۈزەش، قوغداشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش جەھەتتە، «خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى»دا تۆۋەندىكىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: سۇ بايلىقى بېجى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، سۇچىلىق بويىچە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام سۇچىلىق مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك؛ سۇ - تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق دەريا - كۆللەرنى قوغداش، تۈزەشنى كۈچەيتىپ، بەخت دەريا - كۆلى، گۈزەل دەريا، كۆل قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، سۇ ئېكولوگىيەسى - مۇھىتى سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

2022 - يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتى بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتى قاتلاملار بويىچە رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلىشى تىرەك بولىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى ئىجادىي بەرپا قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى «توققۇز مەنبە، بىر غول ئېقىن»، شىمالىي شىنجاڭدىكى «ئالتە دەريا، بىر كۆل»نىڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يولغا قويۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات بولغان، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىن تۇتىشىپ بىر گەۋدە بولغان، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك يۇغۇرما تەرەققىي قىلىدىغان سۇنى ئىدارە قىلىش، سۇنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. 2024 - يىلىغا كەلگەندە، ئاپتونوم رايونىمىز سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشتا «تۆت كۆپ، بىر ئاز بولۇش» (كۆپ تەمىنلەش، كۆپ سۇغىرىش، كۆپ ساقلاش، كۆپ تولۇقلاش، ئاز قېزىش) نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش ۋە تەڭشەش، ساقلاش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.