شىنجاڭ گېزىتى، كورلا، 3 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: 3 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرلىرىدە مەركەزلىك ئىش باشلاش مۇراسىمى كورلا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، سەككىز نۇقتىلىق تاشيول تۈرىدە مەركەزلىك ئىش باشلاندى.
3 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، S30 لىنىيەسىدىكى كورلا تاشدەن ـ شاڭكۇ سانائەت باغچىسى(كورلا پاسىلىدىن ئۆتىدۇ) تۈرىنىڭ ئىش باشلاش نەق مەيدانىدا، ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى، يەر تۈزلەش ماشىنىسى تۈر لىنىيەسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە يەر يۈزىنى تۈزلەۋاتاتتى، قېزىش ماشىنىسى قۇم ـ شېغىل قاتلىمىنى كولاۋاتاتتى، يول چىڭداش ماشىنىسى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇياق ـ بۇياققا مېڭىپ چىڭدىماقتا ئىدى.
«تاشدەن ـ شاڭكۇ تاشيول تۈرى قوش يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىل يولى بار يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئۆلچىمى بويىچە ياسىلىدۇ، قۇرۇلۇش مۇددىتى تۆت يىل بولۇپ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن G3012 لىنىيەسىنىڭ كورلا پاسىلىدىن ئۆتىدىغان بۆلىكىنىڭ قاتناش بېسىمى پەسەيتىلىپ، شىنجاڭنىڭ يول تورى سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ» دېدى شىنجاڭ تاشدەن ـ شاڭكۇ تاشيول مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ئەكرەمجان مەمەت.
بۇ قېتىم مەركەزلىك ئىش باشلانغان S30 لىنىيەسىدىكى كورلا تاشدەن ـ شاڭكۇ سانائەت باغچىسى(كورلا پاسىلىدىن ئۆتىدۇ) تاشيولى، بەدەل پورتى تاشيولى، S236 لىنىيەسىدىكى نوم ـ ئارا تۆرۈك تاشيولى، S246 لىنىيەسىدىكى بېيشەن كۆمۈر قۇدۇقى ـ جىجىخۇ تاشيولى قاتارلىق سەككىز نۇقتىلىق تاشيول تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش مۇساپىسى 331 كىلومېتىر بولۇپ، جەمئىي 13 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ھەم باغچە رايونى تاشيولى، پورت تاشيولى، ھەم بايلىق تاشيولى بار بولۇپ، تۈر پۈتكەندىن كېيىن، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چوڭ يولىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد «چوڭ تومۇرى»نى راۋانلاشتۇرۇپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى سىجىل زورايتتى، 2024 ـ يىلىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 230 مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى. بۇ يىل، شىنجاڭ G3033 لىنىيەسىدىكى كۈيتۈن ـ مايتاغ ـ كۇچا تاشيولى، G217 لىنىيەسىدىكى يەكەن ـ تاشقورغان تاشيولى، G571 لىنىيەسىدىكى لاپېيچۈەن ـ باشقورغان تاشيولى قاتارلىق 20 چوڭ تۈردە ئىش باشلاشنى پىلانلىدى.
سەككىز نۇقتىلىق تاشيول تۈرىدە ئىش باشلانغاندىن كېيىن، قۇرۇلۇشقا قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار قۇرۇلۇشقا تەشكىللەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچنى تولۇق سەپلەپ، قۇرۇلۇش مەشغۇلاتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تۈرنى بالدۇرراق تاماملاشقا تىرىشىدۇ. «پۈتۈن يىلدا 80 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش نىشان ـ ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلەرنىڭ بالدۇر پۈتۈشى، بالدۇر قاتناش باشلىنىشى، خەلققە بالدۇر نەپ يەتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور قاتناش كۈچى قوشۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر گو شېڭ.