بۇ يىل شىنجاڭ يېزىلاردىكى 188 مىڭ ئائىلىنىڭ ھاجەتخانىسىنى ئۆزگەرتىشنى تاماملايدۇ

2025-03-31 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا تارماقلىرى ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش ئەندىزىسىنى ئىلمىي تاللاپ، 188 مىڭ يېزا پاكىز ئائىلە ھاجەتخانىسىنى يېڭىدىن سېلىش، ئۆزگەرتىشنى تاماملاپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ھاجەتخانا بۇلغىمىسىنى ھەمكارلىشىپ بىر تەرەپ قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، كەنتلەرنى پاكىزلاش ھەرىكىتىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلايدىكەن.

بۇ يىل يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بەش يىللىق ھەرىكىتى تاماملىنىدىغان يىل، شىنجاڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى خىزمەت تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، يېزىلاردىكى ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش ۋە پاسكىنا سۇ، ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دېھقانلار قاتنىشىش ۋە ئۇزاق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ـ قوغداش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزەپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملايدۇ.

ھەرقايسى جايلار يېزىلاردىكى ئائىلىلەرنىڭ ھاجەتخانىلارنى رېمونت قىلىش، باشقۇرۇش، قوغداش سىستېمىسىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، ياخشى قۇرۇش، ياخشى باشقۇرۇش، ياخشى ئىشلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. يېزىلارنىڭ تۇرمۇش پاسكىنا سۈيىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەندىزىسىنى مۇۋاپىق تاللاپ، يېزىلارنىڭ تۇرمۇش پاسكىنا سۈيىنى بىر تەرەپ قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزىلارنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى يىغىپ توشۇش، بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش، مىقدارىنى ئازايتىش، پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىدۇ. تىرىشىپ يېزا پاكىز ئائىلە ھاجەتخانىسىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى، تۇرمۇش پاسكىنا سۈيىنى بىر تەرەپ قىلىش (باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش) نىسبىتىنى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %68، %38كە يەتكۈزىدۇ، يېزىلاردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتىنى %90تە مۇقىملاشتۇرىدۇ.

ھاجەتخانا بۇلغىمىسىنى ھەمكارلىشىپ بىرتەرەپ قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى تۇتقا قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا تارماقلىرى «مىڭ ـ تۈمەن قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە قوللىنىپ، شەھەر ـ يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دىققەتنى دېھقانلارنىڭ ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شەھەر ـ يېزىلارنىڭ پەرقىنى تەدرىجىي كىچىكلىتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئولتۇراقلىشىشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇپ چىقىشنى تېز ئالغا سىلجىتىدۇ.

ھەرقايسى جايلار يەنە كەنتلەرنى پاكىزلاش ھەرىكىتىنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلار ئاممىسىنى تۇرالغۇ مۇھىتىنى يېشىللاشتۇرۇش، گۈزەللەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، يەرلىك خاسلىقنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا، كەنت قىياپىتىنى مىكرو جەھەتتىن ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنىڭ ئازادىلىك دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ. يېزىلارنىڭ سۇ، توك، يول، گاز ئەسلىھەلىرى، پاسكىنا سۇ ـ ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى چۆرىدەپ، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولۇش ـ ئومۇملىشىش، تېجەشلىك ـ قولاي بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يىللىق ۋەزىپە، قۇرۇلۇش ئۆلچىمى ۋە ئالدىن يولغا قويۇش تەرتىپىنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا بېكىتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دىققەتنى «ياشانغانلار، بالىلار» قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ يېزا ـ كەنتلەرگىچە ئۇزارتىلىشى، قاپلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەر ۋە ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىش كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ دىققەتنى يېزىلارنىڭ زامانىۋى تۇرمۇش شارائىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرلاش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئولتۇراقلىشىشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇپ چىقىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى. 2024 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا پاكىز ئائىلە ھاجەتخانىسىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى، يېزىلاردىكى تۇرمۇش پاسكىنا سۈيىنى بىر تەرەپ قىلىش (باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش) نىسبىتى، يېزىلاردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %63، %33، %90كە يەتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايوندىكى شارائىتى ھازىرلانغان يېزا ـ بازار ۋە ئىشتاتلىق كەنتلەرنىڭ ھەممىسىگە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تۇتاشتۇرۇلدى، يېزىلاردا تۇرۇبا سۈيىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %99كە يەتكۈزۈلدى، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %99تىن يۇقىرى بولۇشنى ساقلىدى، داۋالاش ئۆيى بار مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %97كە يەتتى، يېزا ياشانغانلارنى كۈتۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يېزا ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سەۋىيەسى ۋە يېزا ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى.