كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، ناھىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، خەلقنى بېيىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ناھىيە رايونى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك

2025-05-12 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ما شىڭرۇي نىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، ناھىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، خەلقنى بېيىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ناھىيە رايونى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك

5 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 ـ شۇجىسى، 1 ـ جېڭۋېي ما شىڭرۇي نىيە ناھىيەسىنىڭ ئارقا دەريا ئۇنىۋېرسال تۈزەش رايونىدا، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى تەپسىلىي ئاڭلىدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، نىيە، 5 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 ـ شۇجىسى، 1 ـ جېڭۋېي ما شىڭرۇي 5 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نىيە ناھىيەسىگە كېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ناھىيە رايونىنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، يېزا ـ كەنتلەرنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۆزلەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، ناھىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، خەلقنى بېيىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ناھىيە رايونى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك.

ما شىڭرۇي نىيە ناھىيەسىنىڭ نىيە يېزىسى بەخت كەنتىگە كېلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىغا قايتۇرغان مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، چېگرا رايوننىڭ تەرەققىياتىغا رىشتە باغلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى. ئارقىدىن ما شىڭرۇي پارتىيە ئەزالىرى ـ ئامما مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىقلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىدىن جەمئىيەت مۇقىملىقى، يېزا ـ كەنتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى ۋە ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە يېزا ـ كەنت كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى بىر نىيەتتە مۇقىملىقنى قوغداش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، يېتەكلەش كېرەك. كەنت خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئالاقە پونكىتىدا، ما شىڭرۇي تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى ۋە ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق رايىغا ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتا تېخىمۇ مۇھىم رول ئويناش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ما شىڭرۇي نىيە ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسىگە بېرىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، گۇڭئەن كادىر ـ ساقچىلىرىغا ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، ساقچى كۈچلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تۈجۈپىلىك، ئىنچىكە ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك، دەپ تاپىلىدى.

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىدىغان مۇھىم خىزمەت، ما شىڭرۇي بۇنىڭغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ نىيە ناھىيەسىنىڭ ئارقا دەريا ئۇنىۋېرسال تۈزەش رايونىغا كېلىپ، ئېگىزگە چىقىپ قۇمنى تىزگىنلەشنىڭ ئۈنۈمىگە نەزەر سالدى، يۇلغۇنلارنىڭ ئەي بولۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، قۇرۇلۇش يىرىك پىلانى ۋە ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى تەپسىلىي ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: خېشى كارىدورى − تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك جەڭ، تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدىغان ئۇلۇغۋار ئىش، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ قۇم دېڭىزىدا جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىغا، تۆھپە قوشقانلىقىغا كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ. ئىلمىي روھتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، دادىل ئىزدىنىپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە قۇم تىزگىنلەش يولىنى تىرىشىپ تېپىپ چىقىش كېرەك. يەر ئاستى سۇ بايلىقىدىن ئىلمىي پايدىلىنىپ، تىرىشىپ يېشىللىق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، «يېشىل شارپا»نىڭ كەڭلىكىنى كېڭەيتىش كېرەك. كۆپ مەنبەلىك سېلىنما مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تولۇق تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئامما ئۈنۈملۈك قاتنىشىدىغان قۇم تىزگىنلەش ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، دېھقانلار بىلەن ئالاقە باغلاش، دېھقانلارنى يېتەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇمنى تىزگىنلەش بىلەن بېيىتىشتىن ئىبارەت قوش ئۈنۈمنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ما شىڭرۇي ئېگىزلىكتىكى تاغلىق رايونغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كاڭسەييىن 1 ـ نومۇرلۇق كېپەك ئالتۇن كېنى ۋە شوركۆل سۈرمە كېنى كان تاللاش رايونى تۈرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، كارخانىنىڭ تۈرنى ئالغا سىلجىتىپ قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئۆز قەرەلىدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ، ناھىيە رايونىنىڭ سانائەت ئىقتىسادىنى زورايتىشىغا كۈچ قوشۇشىنى؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ، ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشنى ناھىيە رايونى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى كۈچەپ ئۇزارتىپ، رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تىرەك بولۇش، تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.

ما شىڭرۇي يەنە نىيە ناھىيەسىدىكى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئورتاق قۇرغان كۈندۇڭ ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا كېلىپ، باغچە رايونىنى پىلانلاش، قۇرۇش ۋە كەسىپ تەرەققىياتى توغرىسىدا ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، يۇغۇرۇلۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سۇ، توك، گاز، يول ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، سۈرمە، مىس قاتارلىق ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا زور كۈچ بىلەن جەلپ قىلىپ، باغچە رايونىنىڭ كۆتۈرۈش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، رايون تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى موتورىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، «كەسىپنى گۈللەندۈرۈش»كە سىجىل كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. بايلىق، رايون ئورنى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئاساسلىق ھۇجۇم يۆنىلىشىنى چىڭ كۆزلەپ، ناھىيە رايونىنىڭ خاس كەسىپ، تۈۋرۈك كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، يېزىلاردىكى 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيە رايونىنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ناھىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش»قا سىجىل كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر ـ يېزىلارنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، «خەلقنى بېيىتىش»تا سىجىل ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تايىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ كەسىپ زەنجىرىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن كېڭەيتىپ، كىرىم سەۋىيەسىنى پۇختا ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار ئوخشاش سوئالغا ئورتاق جاۋاب بېرىپ، ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى يۇغۇرما تەرەققىياتتا تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، «15 ـ بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى ئىلمىي ياخشى پىلانلاش كېرەك.