ئەركىن تۇنىياز بايىنغولىندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
2 ـ پەسىلدە پۈتۈن كۈچ بىلەن كۈرەش قىلىپ، ۋاقىتنىڭ يېرىمى ئۆتكەندە ۋەزىپىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، كورلا، 5 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىگە كېلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ تىجارەت، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: 4 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، 2 ـ پەسىلدە پۈتۈن كۈچ بىلەن كۈرەش قىلىپ، ۋاقىتنىڭ يېرىمى ئۆتكەندە ۋەزىپىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشانىنى تاماملاش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ تارىم يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ توننا ئېتىلېن ئىشلەپچىقىرىش 2 ـ قارارلىق تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلەپ، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: مەركەز كارخانىلىرى يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تۈر سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، بالدۇر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ئىلغار خىمىيە سانائىتى يېڭى ماتېرىياللىرى، ئالىي دەرىجىلىك نازۇك خىمىيەلىك بۇيۇملار ساھەسىنى نىشانلاپ، ئالاقىدار كەسىپ زەنجىرىنى ئالدىن پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، زەنجىرلەشتۈرۈپ، توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
كورلا جۇڭتەي نېفىت خىمىيە شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، كارخانىنىڭ ئىلتىماس ـ تەلىپىنى ئاڭلىدى. ئۇ كارخانىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى زورايتىپ، مەھسۇلاتنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، «PTA − پولى ئېستېر − ئاخىرقى مەھسۇلات» پۈتۈن زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.
ئەركىن تۇنىياز جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى تارىم نېفىتلىكىنىڭ تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش بويىچە 1 مىليون 300 مىڭ كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت تۈرىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، كارخانىنى تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مەنبە، تور، يۈك، زاپاس ساقلاشنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېشىل توك بىلەن بىۋاسىتە تەمىنلەش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، نېفىت ـ تەبىئىي گاز بىلەن يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئۈلگە قۇرۇلۇشىنى بەرپا قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.
ئەركىن تۇنىياز يەنە شىنجاڭ جۇڭكۇن يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ 200 مىڭ كىلوۋاتلىق مەنبە، تور، يۈك، زاپاس ساقلاش بىر گەۋدىلەشكەن تۈرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، كارخانىنىڭ 2 ـ قارارلىق تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، توك تارقىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشلىتىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ ئالاقىدار تارماقلارغا، شىنجاڭنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كارخانىنى دادىل ئىشلەش، تەرەققىياتنى تېزلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى تاپىلىدى.
كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزىسىدىكى زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر باغچىسىدا، ئەركىن تۇنىياز پارنىكلارغا كىرىپ، مېۋە، كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بازارنى يېتەكچى قىلىپ، باشلامچى كارخانىلارنىڭ دېھقانلار بىلەن ئالاقە باغلاش، دېھقانلارنى يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
شىنجاڭ پەن ـ تېخنىكا شۆيۈەنىدە، ئەركىن تۇنىياز بىر پونكىت شەكلىدىكى ئوقۇغۇچىلار مۇلازىمەت زالى، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىسخىك ساغلاملىق تەربىيەسى ۋە مەسلىھەت بېرىش مەركىزىگە كىرىپ، ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پەن ۋە كەسىپلەرنى ئىلمىي تەسىس قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇن تىپىدىكى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز كورلا ئايرودۇرۇمىنىڭ كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش تۈرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئايروپىلان توختىتىش سۇپىسىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە ماسلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇنىۋېرسال قاتناش سىستېمىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە بەرپا قىلىش كېرەك.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: بايىنغولىن ئوبلاستى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى پائال جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. چوڭ ـ چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، سېلىنمىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، تەرەققىياتنى قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈزەپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.