ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ) 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، G219 لىنىيەسى موڭغۇلكۈرە-ئونسۇ تاشيولى غەربىي تىيانشان تونېلىنىڭ چىقىش ئېغىزىدىكى تۈز يول باشلاش تەشمىسى 5000 مېتىردىن ئارتۇق قېزىلىپ، ئاساسىي تونېلنى قېزىشنى تېخىمۇ كۆپ خىزمەت دائىرىسى بىلەن تەمىنلەپ، تونېل قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى.
تۈز يول باشلاش تەشمىسى ئىچىدە قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى جىددىي قۇرۇلۇش قىلماقتا.
ليۇ ۋېنخۇا فوتوسى
G219 لىنىيەسى موڭغۇلكۈرە-ئونسۇ تاشيولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 232.5 كىلومېتىر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە غەربىي تىيانشان تونېلى ھالقىلىق تىزگىنلەش خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. تونېلنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 15.7 كىلومېتىر، ئەڭ چوڭ كۆمۈلۈش چوڭقۇرلۇقى 2365 مېتىر بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۆمۈلۈش چوڭقۇرلۇقىدىكى تاشيول تونېلى، شۇنداقلا دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى مۇزلۇقنى كېسىپ ئۆتىدىغان بىرىنچى دەرىجىلىك تاشيول تونېلى ھېسابلىنىدۇ.
G219 لىنىيەسى موڭغۇلكۈرە-ئونسۇ تاشيولى شىنجاڭنىڭ يول تورى رامكىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئەڭ غەربىدىكى تاشيول يولى، تۈر پۈتكەندىن كېيىن، غۇلجىدىن ئاقسۇغىچە بولغان تاشيول مۇساپىسى ھازىرقى 1700 كىلومېتىردىن 440 نەچچە كىلومېتىرغا قىسقىرايدۇ، بۇ يول لىنىيە بويىدىكى ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىش، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى