يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا سۇ كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

2025-06-30 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئەركىن تۇنىياز سۇچىلىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا سۇ كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سۇچىلىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۇنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۇچىلىق ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئالتۇن مەزگىلى، پۇرسەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، چىڭ تۇتۇپ تېز ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ پۇختا بولغان سۇ بىخەتەرلىكى، سۇ تىرىكى، سۇ كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ سۇچىلىق تەرەققىيات مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، شىركەتنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، نۇقتىلىق سۇچىلىق تۈگۈنى، سۇ ئامبىرىنى يۈرۈشتۈرۈش ھەم قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتىنى سىنلىق ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ سۇچىلىق تەرەققىيات گۇرۇھى قۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئويلىنىشىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ تەڭشەش، سۇنى كۆپەيتىشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىپ قۇرۇلۇش قىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، سۈپەت ۋە بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا تېز ئىشلىگىلى بولىدىغانلىرىنى تېز ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي خىزمەت مىقدارىنى تىرىشىپ تاماملاش كېرەك. باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى كۈچەپ ئاشۇرۇش كېرەك. «15 - بەش يىل»لىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەم پائال نەتىجە يارىتىش، ھەم ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولۇش تەلىپى بويىچە، چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرى قاتارلىقلارنى دەلىللەش، مۇھاكىمە قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، «پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بەلگىلىمىسى»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك قىلمىشلىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ تورىنى پىلانلاش ئەھۋالىنى ئاڭلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سۇچىلىق «بىر پارچە خەرىتىسى»دىكى سۇ ئاپىتى، قۇرغاقچىلىق ئاپىتىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش سۇپىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، سۇ رايى ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، يۈرۈشۈشى قاتارلىقلارنى ئىگىلىدى ھەم سۇ تورى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ سۆھبەتلەشتى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: جەزمەن مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى ئىلمىي تەقسىملەش، دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇش، سۇدىن تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك. يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ماس قەدەملىك تەستىقلاشنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈر - بىر تۈردىن رەتلەپ، ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسى، مەسئۇل كىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق سۇچىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى كۈچەپ ئاشۇرۇش كېرەك. خەۋپ - خەتەر ئېڭى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆتكەلنى ئالدىغا يۆتكەشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىش ۋە كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي ياخشى ئىشلەش كېرەك. دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇ رايى ئۇل ئەسلىھە تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، سۇ رايىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش پونكىتى تورى بىلەن تولۇق قاپلاشنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ۋاڭ گاڭ، جىن جىجېن قاتارلىقلار بىرلىكتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.