شىنجاڭدىكى «ئەڭ گۈزەل تاشيول» مايتاغ - كۇچا تاشيولىدا قاتناش باشلاندى

2025-06-02 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، كۇچا، 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، 2025 - يىللىق مايتاغ - كۇچا تاشيولىدا قاتناش باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانى مۇراسىمى كۇچا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى ھەۋەسكارلىرى، ساياھەتچىلەر نەق مەيدانغا جەم بولۇپ، 1800دىن ئارتۇق ئۆي ئاپتوموبىل، دالا ئاپتوموبىلى، موتوسىكلىت بۇ جايدىن يولغا چىقىپ، شىنجاڭدىكى «ئەڭ گۈزەل تاشيول»دىكى ئاجايىپ سەپىرىنى باشلىدى.

مايتاغ - كۇچا تاشيولى دۆلەت يولى 217 لىنىيەسىنىڭ جەنۇبىي بۆلىكىگە جايلاشقان، شىمالدا مايتاغدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا كۇچاغا تۇتىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 561 كىلومېتىر بولۇپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرىدىغان قاتناش مۇھىم يولى ھېسابلىنىدۇ.

مايتاغ - كۇچا تاشيولى ئىسمى - جىسمىغا لايىق مەنزىرە چوڭ يولى بولۇپ، قىسقىغىنا بىر كۈن ئىچىدە ساياھەتچىلەر تۆت پەسىلنى كېسىپ ئۆتىدۇ، يول بويى قارلىق تاغ، كۆل، يايلاق، جىلغىلارنىڭ ھەيۋەتلىكلىكى، گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلىنىپ، كەڭ تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ھاياتلىقنىڭ قەيسەرلىكىنى ھېس قىلالايدۇ.

بۇيرۇق بېرىلىشى بىلەن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۆي ئاپتوموبىل، دالا ئاپتوموبىلى، موتوسىكلىت ئەترەتلىرى ھەيۋەت بىلەن مايتاغ - كۇچا تاشيولىغا قاراپ يول ئالدى.

خېنەندىن كەلگەن موتوسىكلىت مىنىش ھەۋەسكارى ما يۈياڭ مايتاغ - كۇچا تاشيولىدا قاتناش باشلىنىش ۋاقتىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بۈگۈن يولغا چىقىش مۇراسىمى بارلىقىنى ئاڭلاپ، بالدۇرلا نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى. «بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم مايتاغ - كۇچا تاشيولىدا مېڭىشىم، ئىنتايىن تەقەززا بولدۇم، بۈگۈنكى يولغا چىقىش مۇراسىمىمۇ ناھايىتى قىزىپ كەتتى، مەن شىنجاڭ خەلقىنىڭ قىزغىنلىقىنى ھېس قىلدىم» دېدى ئۇ.

«بىز ھەر يىلى مايتاغ - كۇچا تاشيولىنىڭ يولغا چىقىش مۇراسىمىغا قاتنىشىمىز، يول بويى ياردەمگە ئېھتىياجلىق ساياھەتچىلەرنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيمىز، بۇ يىل ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپەيگەنلىكىنى روشەن ھېس قىلدۇق، ساياھەتچى دوستلار بىلەن بىللە يېڭى تەسىراتلارغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى كۇچا شەھىرى لېي فېڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى جۇ.

بۇ يىل كۇچا شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىدىكى قاتناش ساقچىسى ئەكبەر قاھارنىڭ مايتاغ - كۇچا تاشيولىدا مۇلازىمەت قىلىۋاتقانلىقىنىڭ 9 - يىلى، ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن كۇچا بۆلىكىنىڭ 147 كىلومېتىر دائىرىدىكى خىزمەتكە مەسئۇل بولۇپ، ھەر كۈنى ئون نەچچە سائەت ۋەزىپە ئىجرا قىلىدۇ. «بىز مايتاغ - كۇچا تاشيولىنى مۇددەتتىن بۇرۇن چارلاپ تەكشۈرۈپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگەتتۇق، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ يولنى رېمونت قىلىپ ياخشىلىدۇق، ساياھەتچى دوستلار خاتىرجەم بولسا بولىدۇ!» دېدى ئۇ.

ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت تەسىراتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كۇچا شەھىرى مايتاغ - كۇچا تاشيولىدىكى ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى ۋە مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ ئۇل يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ ئۆزگەرتتى، تىيانشان سىرلىق چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىنىڭ دەرىجىسى ئاشۇرۇلۇپ نامايان قىلىندى، كۆپ خىللاشقان، ئاقىللاشقان، ئادىمىيلىككە ئىگە بولغان ساياھەت مۇلازىمىتى ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ ياخشى ساياھەت - سەيلە قىلىش تەسىراتى ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ 21 - نۆۋەتلىك دولان - كۈسەن مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمىمۇ شۇ كۈنى باشلاندى، مايتاغ - كۇچا تاشيولىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، «دولان - كۈسەن» مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى پائالىيىتى ماركىسى يەنىمۇ جۇلالاندۇرۇلدى.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئادىل ئەلى مۇنداق بىلدۈردى: مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى دوستلارنىڭ مايتاغ - كۇچا تاشيولىنى كېسىپ ئۆتۈپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. ئاقسۇ ۋىلايىتى مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى بەرپا قىلىش، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بۇ يىل يېڭىدىن كۈسەن مۇزېيى، كۈسەن مەدەنىيىتى رەقەملىك كۆرگەزمە مەركىزى، كۈسەن تار كوچىسى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى زور كۆلەمدە يۇغۇرۇش ئىشىنى ياخشى قىلىپ، «يىپەك يولىدىكى قەدىمىي كۈسەن . جەلپكار ئاقسۇ» ماركىسىنى سىجىل جۇلالاندۇردى.