​بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك

2025-06-04 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ما شىڭرۇي تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋە شىخەنزە شەھىرىدە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

​بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك

6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ۋە 2 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىخەنزە شەھىرى ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ما شىڭرۇي شىخەنزە شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ خۇايۈەن نېفىت - تەبىئىي گاز ئېچىش چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنئەن 1 - قۇدۇقى نەق مەيدانىغا كېلىپ، رايون - بۆلەكتىكى نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىق زاپىسى، چارلاش - ئېچىش سۈرئىتى، تۈر سېلىنمىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. □ ۋاڭ يەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، چۆچەك\شىخەنزە، 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ۋە 2 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىخەنزە شەھىرى ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش، ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى تېز تاماملاشنى چۆرىدەپ، ئېنېرگىيە بايلىقىغا دائىر چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرى ۋە كەسىپ تەرەققىياتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە بايلىقى كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىلارنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. ما شىڭرۇي قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىگە كېلىپ، شېننېڭ 2 مىليون كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى سورىدى، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلارغا ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تۈرنىڭ بالدۇرراق پۈتۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تاپىلىدى؛ شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، چوڭ - چوڭ يېڭى ئېنېرگىيە تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق» چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت بازىسى قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى تەكىتلىدى. نۆۋەتتە، چۆچەك - دۆربىلجىن 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلماقتا، ما شىڭرۇي دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى تىرانسفورموتور پونكىتى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا كېلىپ، قۇرۇلۇشنى پىلانلاش، قۇرۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى كۆزلەپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، رايون ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پائال پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئېلېكتىر تورىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ۋە رايوننىڭ يېشىل توكنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈپ، 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇش كېرەك.

تولى ناھىيەسىدىكى شىبۇ خۇاڭجىن پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ قارامايخاتۇ ئالتۇن كېنىغا كېلىپ، ما شىڭرۇي كارخانىنىڭ تىجارەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، تولى ناھىيەسىنىڭ قېزىلما بايلىقلىرىنىڭ تارقىلىشى، چارلاش - ئېچىش قاتارلىقلارنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىستراتېگىيەلىك نەزەر دائىرە تۇرغۇزۇپ، دىققەتنى كۆمۈر، ئالتۇن، مىس، مولىبدېن قاتارلىق ئەۋزەل كان تۈرلىرىنى چارلاش - ئېچىش سالمىقىنى زورايتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، رايون، بولۇپمۇ ناھىيە رايونىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تىرەك بولۇش كېرەك. بايلىقنى بىرىكتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشنى كۆلەملەشتۈرۈش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كانلارنى زور كۈچ بىلەن قۇرۇپ، ماھىيەتلىك بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

ما شىڭرۇي يەنە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ بەيياڭخې دەرياسى سۇ باشلاش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، شۇ جاينىڭ سۇ بايلىقىنىڭ تارقىلىشى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ سۇ تورى قۇرۇلۇشى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كۆزلەپ، رايون سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى پائال پىلانلاپ، ئۈنۈمىنى بالدۇرراق جارى قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھازىر بار بولغان سۇ مەنبەسىنى تەڭشەش - ساقلاش قۇرۇلۇشىنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سۇ تىرىكى، سۇ كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

شىخەنزىدە، ما شىڭرۇي ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭ خۇايۈەن نېفىت - تەبىئىي گاز ئېچىش چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنئەن 1 - قۇدۇقى، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى گاز ئېلىش 1 - زاۋۇتى ماخې گاز ئېلىش مەشغۇلات رايونى فېڭتەن 1 - قۇدۇقىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. رايون - بۆلەكتىكى نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىق زاپىسى، چارلاش - ئېلىش سۈرئىتى، تۈر سېلىنمىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، سىياسەت مەدىتى ۋە ئەسلىھە كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقىنى ئۆز جايىدا پىششىقلاش، ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، كەسىپلەر توپىنىڭ توپلىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئېنېرگىيە بايلىقىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم تايانچى قىلىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق بايلىق ئەۋزەللىكلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر توپىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا رايون خاسلىقىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش، يوشۇرۇن كۈچ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىغا ئۈنۈملۈك تىرەك بولۇش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئەسلىھەلەرنى ئورتاق قۇرۇش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، چوڭقۇر گىرەلىشىش، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى يۇغۇرما تەرەققىياتنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاش كېرەك. ئېنېرگىيە بايلىقى نۇقتىلىق كەسىپلىرى، نۇقتىلىق كارخانىلىرى، چوڭ - چوڭ تۈرلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، تۈرلەرنىڭ تېز ئەمەلىيلىشىشى، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنىڭ تېزلىتىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ۋە ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى، بولۇپمۇ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسى يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، تىپىك دېلو مىساللىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، دېلو ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېلو ئارقىلىق ئىنتىزامنى سۆزلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.