​خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تېز يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش كېرەك

2025-06-05 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئەركىن تۇنىياز ئىلى ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى​

خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تېز يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، غۇلجا، 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 2 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۈنەس ناھىيەسى، تېكەس ناھىيەسى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى، غۇلجا ناھىيەسىگە بېرىپ، يېشىل كانچىلىق، نۇقتىلىق تۈرلەر، سانائەت ئىقتىسادى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تېز يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، تىرىشىپ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

شىنجاڭ مېيشېڭ كانچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ كاتابائاسۇ ئالتۇن كېنىنىڭ يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ توننا رۇدا تاللاش تۈرى 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ئەركىن تۇنىياز دۆۋىلەش - چىلاش مەيدانىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرىپ، كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئالتۇن باھاسى سىجىل يۇقىرى ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بازار پۇرسىتى مەزگىلىنى مەھكەم ئىگىلەپ، چىڭ تۇتۇپ تېز ئىشلەپ، ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، يېشىل كان قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تېكەس چيەنخۇي كانچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز تۈر قۇرۇلۇشى بىرىنچى سېپىگە بېرىپ، كارخانىنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم قىيىنچىلىقىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى. ئۇ كارخانىنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تېز ئىشلىگىلى بولىدىغانلىرىنى تېز ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇردى. شىبۇ خۇاڭجىن ئىلى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مېتال تاۋلاش زاۋۇتىدا، ئەركىن تۇنىياز غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئالتۇن زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئەھۋالىنى ئاڭلىدى، مۇرەككەپ ساپ ئالتۇن كانلىرىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىپ پايدىلىنىش تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى خۇينېڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز كارخانىنىڭ يورۇقلۇق ۋولت جازىسى، توكلىغۇچ، ئېنېرگىيە ساقلاش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىۋاتىدۇ، كارخانىلارنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىندىكى تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىپ، كەسىپ زەنجىرىنى يەنىمۇ ئۇزارتىشى ۋە كېڭەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شىنجاڭ باۋلۇڭ ئاپتوموبىل ياساش چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق بىلدۈردى: بازار ئېھتىياجىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، بازارنى پائال كېڭەيتىپ، سۈپەت ئۆتكىلى، ئىقتىدار ئۆتكىلىنى ياخشى تۇتۇپ، تىرىشىپ داڭلىق ماركىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىش كېرەك. يىتەي ئىلى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلىغا 1 مىليون توننا كۆمۈردىن ماي ئېلىش ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، ئەركىن تۇنىياز كارخانىنىڭ زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك، كۆپ خىللاشقان، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات سەۋىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئەركىن تۇنىياز ئىلى ئوبلاستى كۈنەس دۆلەت ئورمىنىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى نەنسەن ئورمان باشقۇرۇش رايونىغا كېلىپ ئورمان چارلاشنى قانات يايدۇردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جابدۇق سەپلەشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوت ئاپىتى يۈزبەرگەندە تېز ئىنكاس قايتۇرۇش، كەسپىي قوماندانلىق قىلىش، ئىلمىي قۇتقۇزۇش، كۈچلۈك بىر تەرەپ قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەركىن تۇنىياز يەنە ئاممىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ پاراڭلاشتى، ئېھتىياج - تەلىپىنى ئاڭلىدى، ئاممىنى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا، ئەمگەكچان بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: ئىلى ئوبلاستى تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئاساسىنى ياخشى مۇستەھكەملەپ، كان ئىزدەش ۋە كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ئالتۇن كەسپىنى ئەۋزەل بايلىقنى ئايلاندۇرۇشتىكى مۇھىم بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يارىتىشى كېرەك. سىياسەتتىن ياخشى، تولۇق پايدىلىنىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشى كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى «مىكرو چىرىكلىك»نى ھەقىقىي تۈزەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىستىلنى ياخشىلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىيەت ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاممىغا ئۆگىنىش - تەربىيەسى ئېلىپ كەلگەن ئۈنۈمنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك.