ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

2025-07-14 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتى قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم تەبرىك خېتىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتى، 2025 - يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش خىزمىتى قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خوتەندە 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئاچتى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. بىز ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئىش قىلىشقا، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، ياردەم بېرىۋاتقان تەرەپ بىلەن كۈچلۈك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يۈزلەنگەن ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىشىمىز ۋە كېڭەيتىشىمىز كېرەك؛ دىققەتنى يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك؛ دىققەتنى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ۋاسىتىنى بېيىتىپ، تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ياخشى پىلانلىشىمىز، ياخشى تەشكىللىشىمىز كېرەك؛ دىققەتنى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى قېزىپ چىقىشىمىز، بىر تۈركۈم مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغدىشىمىز ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىمىز كېرەك؛ دىققەتنى شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك ئوقۇتقۇچىلار كۈچى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئالىي مائارىپ ۋە كەسپىي مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇشىمىز كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ماس بولغان شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرى كۈچلۈك، تۈرتكىلىك رولى زور بولغان بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەرنى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش نەتىجىلىرىنى قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشتە، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشتە تولۇق نامايان قىلىشىمىز كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئۆلچەش - تەكشۈرۈشتىكى مۇھىم ئۆلچەم قىلىپ، ھەرقايسى كەسىپ، ھەرقايسى ساھە، تۈرلۈك ئاساسىي گەۋدىلەرنىڭ تىرىشىپ بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ھىمايە قىلغۇچىلار، ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلەر، تۈرتكە بولغۇچىلاردىن بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار بىلەن يۇغۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، ئۈلگە كۆرسىتىش ئورۇنلىرىنىڭ تىپىك ئىش ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىشنى زورايتىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىشى كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ 2025 - يىللىق ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشتە دىققەت يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئىسلاھات - تەرەققىياتتىكى بىر تۈركۈم توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى، كارخانا، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەر بايقالدى ھەم ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇندى، نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار تۈزىتىشنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، مەسىلە تىزىملىكى، ۋەزىپە تىزىملىكى، مەسئۇلىيەت تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، تۈزىتىش مۇددىتى، تۈزىتىش مەسئۇلىيىتى ۋە كونكرېت تەدبىرلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ تۈزىتىش ئېلىپ بېرىپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنىڭ خىزمەتلەرگە بولغان ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ياخشى تەجرىبە - ئۇسۇللارنى ۋاقتىدا خۇلاسىلەپ، كېڭەيتىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئاكتىپلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇرغۇتۇشى كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.