پېڭ چىڭخۇا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى

2025-07-09 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنىگىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پېڭ چىڭخۇا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگرا قانۇنى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى ھەم نۇقتىلىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىلىدىغان ئالاقىدار تەكلىپلەر توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى. بۇ مەزگىلدە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچىدە سۆھبەت يىغىنى ئاچتى ھەم ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ چېگرا بويىدىكى ناھىيە، شەھەرلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى لوۋ چىنجيەن، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى ۋاڭ كې قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگرا قانۇنىنى پۇختا تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، چېگرا رايوننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش جەھەتتە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. پېڭ چىڭخۇا مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مۇھىم بۇرچىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلقتىن ئىبارەت بىرىكمە كۈچنىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەشتىكى تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگرا قانۇنىنى تەشۋىق قىلىش ۋە يولغا قويۇشنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، ئالاقىدار ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى پائال مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىپ، چېگرا رايوننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگراسى ۋە چېگرانىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى دەۋردە چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خاس كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېچىۋېتىش سۇپىسىنى ياخشى قۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، چېگرا رايونلارنىڭ بايلىق ئامىللىرىنى توپلاش ئىقتىدارى، كەسىپ جەھەتتىكى كۆتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، چېگرا رايونلارنىڭ روناق تېپىشى، راۋاجلىنىشى ئارقىلىق چېگرا رايوننىڭ مۇقىم، خاتىرجەم بولۇشىغا تىرەك بولۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى چېگرا رايوندىكى مىللەتلەر رايونى خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، چېگرانى قوغداش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ چېگرا رايوننى ئورتاق مۇھاپىزەت قىلىش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش ئىدىيە ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك.

زۇمرەت ئوبۇل سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى پۇرسەت بىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگرا قانۇنىنىڭ شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ چېگرا باشقۇرۇش - تىزگىنلەش خىزمىتى مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، چېگرا ئىستېرېئولۇق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چېگرا رايونلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، قانۇنچىللىق كۈچى ئارقىلىق چېگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، چېگرا رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيى كۈچىنى قوشۇش كېرەك.

ۋاڭ مىڭشەن، جۇ لىفەن، نيې جۇاڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.