10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

2025-07-11 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

​ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

7 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 9 - كۈنىگىچە، 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى شىنجاڭ خوتەندە ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، ۋاڭ خۇنىڭ يەنە ئاقسۇ، خوتەن ۋە بىڭتۇەن 1 - شى ئارال شەھىرى، 14 - شى كۇنيۈ شەھىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى يوقلىدى. سۈرەتتە: 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ۋاڭ خۇنىڭ 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پاڭ شىڭلېي فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىنجاڭ خوتەن، 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 9 - كۈنىگىچە شىنجاڭ خوتەندە ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، بوشاشماي تىرىشىپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: «14 - بەش يىل»دا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مۇلازىمەت قىلىشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە مەركەز كارخانىلىرى شىنجاڭ بىلەن بولغان ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە سالماقنى زورايتىش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، بىرىكمە كۈچنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى.

ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش دۆلەت ئىستراتېگىيەسى، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇشقا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياردەم بېرىۋاتقان ۋە ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

لى گەنجيې يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئۇ مۇنداق تەلەپ قىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ماھىيەتلىك ئورنى، تۈپ نىشانى ۋە كۈچەش يۆنىلىشىنى تولۇق تونۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك. ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. كاپالەتنى كۈچەيتىپ، ئىش قىلىشقا، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، «15 - بەش يىل»لىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يىرىك پىلانىنى يۇقىرى سۈپەتتە تۈزۈپ، خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈش - باھالاشنى كۈچەيتىپ، پۇختا بولغان، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىلنى تاۋلاپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ھەم ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، شى ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە بېيجىڭ شەھىرى، تيەنجىن شەھىرى، لياۋنىڭ ئۆلكىسى، شاڭخەي شەھىرى، جېجياڭ ئۆلكىسى، شەندۇڭ ئۆلكىسى، خېنەن ئۆلكىسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىندا سۆز قىلدى.

شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، ۋاڭ خۇنىڭ يەنە ئاقسۇ، خوتەن ۋە بىڭتۇەن 1 - شى ئارال شەھىرى، 14 - شى كۇنيۈ شەھىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، كارخانا، يېزا، مەكتەپ، دوختۇرخانا، مۇزېي - خاتىرە ساراي قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى يوقلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتىغا بېرىپ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە ئورگان كادىرلىرىنى يوقلىدى.