شۈ چىن، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز، خې جۇڭيوۋ، جاڭ ئەنشۇن، جاڭ جۇ پائالىيەتكە قاتناشتى
7 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 12 - كۈنىگىچە، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى ۋە ئۇدۇللاشتۇردى. سۈرەتتە: 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ خىزمەت توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 12 - كۈنىگىچە، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ ۋە ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئىككى جاينىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. ئىككى تەرەپ خىزمەت توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، ئىككى ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ چىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ ئەنشۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ خىزمەت توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، ئۇزاقتىن بۇيانقى خالىس ياردىمىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: خېيلۇڭجياڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلارنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن مەدەت بەردى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان تۈركۈم - تۈركۈم كادىرلار شەخسىي مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىپ، كوللېكتىپنى ئويلاپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىشلىرىغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلىنىپ، دۆلەت مۇھەببىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېيلۇڭجياڭ دۆلەتنىڭ «بەش چوڭ بىخەتەرلىك»ىنى قوغداشتىكى مۇھىم بۇرچىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بىز چىن قەلبىمىزدىن تەبرىكلەيمىز. شىنجاڭ 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خېيلۇڭجياڭ بىلەن بىرلىكتە، ياردەم بېرىۋاتقان ۋە ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى جاينىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىياتى، سىرتقا ئېچىۋېتىش، قار - مۇز ساياھىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشىدۇ.
شۈ چىن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن شىنجاڭنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان خېيلۇڭجياڭنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا ۋە خېيلۇڭجياڭ ياردەم بېرىشكە ئەۋەتكەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، غەمخورلۇق قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا گۈللەپ ياشنىغان خۇشاللىنارلىق مەنزىرە نامايان بولدى. خېيلۇڭجياڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا خەلق تۇرمۇشى بويىچە ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ياردەم بېرىش ۋە شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، مائارىپ، داۋالاش، خاس مەدەنىيەت - ساياھەت، سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى چوڭقۇر ھەمكارلىقنى قول تۇتۇشۇپ ئالغا سىلجىتىپ، «15 - بەش يىل»لىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، ئىككى جاينىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى ئورتاق يارىتىدۇ.
سۆھبەت يىغىنىدا، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ھەم خېيلۇڭجياڭ بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق ئەھۋالى، خېيلۇڭجياڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئايرىم - ئايرىم دوكلات قىلدى، يەنە ئىئانە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچىدە بوشىرەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى چەكلىك شىركىتىدە تەكشۈرۈشتە بولدى؛ ئالتاي ۋىلايىتى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى پەن - مائارىپ ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچە رايونى، بىڭتۇەن 10 - شى بېيتۈن ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ۋە 188 - تۇەنگە چوڭقۇر چۆكۈپ، باغچە رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش ۋە ھەمكارلىق ئەھۋالىنى تەكشۈردى؛ ئالتاي ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى، بېيتۈن كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ يېڭى مەكتەپ رايونىغا كېلىپ، شىنجاڭغا داۋالاش ئارقىلىق ياردەم بېرىش ۋە مەكتەپ قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈردى؛ ئالتاي ۋىلايەتلىك مۇزېيدا شۇ جاينىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى ئىگىلىدى ھەم ئالتاي ۋىلايەتلىك يېمەكلىك - دورا تەكشۈرۈش ئورنىغا كېلىپ، يېمەكلىك تەكشۈرۈش - ئۆلچەش ئاپپاراتلىرىنىڭ قوشماقلىشىپ ئورتاق بەرپا قىلىش نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئالتايدا، ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى ھەم سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.
خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى رەھبەرلىرىدىن چېن شاۋبو، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، شۆ بىن ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.