شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى −
ئىستىل قۇرۇلۇشى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ
ئىستىل مۇداپىئە سېپى مۇستەھكەملىنىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىندى. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى داۋامىدا، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىغا ئۆلچەم، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشى ئۈنۈمىنى ھەقىقىي تۈردە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق قەلبىنى ئىللىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇردى.
ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات - سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش، ئاساسىي قاتلام ياچېيكىلىرى پۇختا ئۆگىنىش، ياش پارتىيە ئەزالىرى نۇقتىلىق ئۆگىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئىدىيە جەھەتتە ئاساسىدىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، ئۇلنى پۇختىلىدى. ئوچۇق - ئاشكارا تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تور ۋە تور سىرتى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئاممىدىن پىكىر - تەكلىپ ئېلىپ، «كىچىك دائىرە»نى چىڭ كۆزلەپ، «ھەقىقىي مەسىلە»نى چوڭقۇر قازدى. مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەپ - ئىچىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، بېرىش قاتارلىق ئاسان، كۆپ يۈزبېرىدىغان مەسىلىلەرگە قارىتا نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى، ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىگە قەتئىي يول قويمىدى. سىجىل تۈردە ھۆججەتنى ئىخچاملاپ، يىغىننى ئازايتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلەتتى. ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، جەرياننى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى يۈرۈش خىراجىتىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19 تۆۋەنلەتتى ھەم تېجەشچان ئورگان باشقۇرۇش چارىسىنى ئېلان قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.
ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، پاش قىلىش تېلېفونىنى ئاشكارىلاش، پاش قىلىش خەت ساندۇقى ۋە توردا تەدبىر سوراش سۇپىسى تەسىس قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق خەلق رايىنى كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلدى. نۆۋەتتە ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىدىن 33نى قوبۇل قىلدى، قىيىن مەسىلىدىن 21نى ھەل قىلدى، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشتىن 18نى بېجىردى. شىنجاڭ تەنتەربىيە كەسپى تېخنىكا شۆيۈەنى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىغا قويغان «رەقەملەشكەن مۇلازىمەتنى كۈچەيتىش زۆرۈر بولۇش» «مەكتەپ مەدەنىيەت پائالىيىتى يېتەرلىك بولماسلىق» قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، شۆيۈەن ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدا «ئاقىل مەكتەپ تورى»غا تىزىملىتىپ كىرىش كۆزنىكىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەركەزداش چەمبىرىنى ئورتاق سىزىش» باش تېمىسىدىكى جۇڭخۇا كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە مەركىزى (تەنتەربىيە كەسپى تەرەققىيات مەركىزى) 2025 - يىللىق ئاممىۋى تەنتەربىيە مەيدان - سارايلىرى ھەم مەيدانلىرىنى ھەقسىز ياكى تۆۋەن ھەق ئېلىپ ئېچىۋېتىش ئۇقتۇرۇشى چىقاردى، ھەم كىرىش - چىقىش ئېغىزلىرىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، ئالدىن كېلىشىش قىيىن بولۇش، كىرىپ چىقىش قولايسىز بولۇش، ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئاممىغا ئىستىل قۇرۇلۇشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى ئۈنۈمنى ھېس قىلدۇردى.
شىنجاڭ پەن - تېخنىكا سارىيى ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىستىلنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولدى، نەق مەيداندا باھالاش، سوئال قەغىزى تارقىتىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مۇلازىمەت سۈپىتىنى ھەرىكەت ھالىتىدە ئىز قوغلاپ ئىگىلەپ، ياش كادىرلار «مىكرو دەرسلىك» بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خىزمەتچى خادىملارنىڭ مۇلازىمەت ئېڭىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى. دىققەتنى ھېس قىلىش ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى «يېڭىلاش قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويدى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا «چوڭقۇر دېڭىز لىفىتى» «دوراش ئۇستازى» قاتارلىق بەش تۈرلۈك چۆكۈش شەكلىدىكى كۆرگەزمە بۇيۇمىنى كىرگۈزۈپ، يەر تەۋرەشنى ھېس قىلىش كىچىك ئۆيى قاتارلىق يادرولۇق كۆرگەزمە تۈرلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بويىچە ئۆزگەرتتى، كونا كۆرگەزمە بۇيۇمىدىن 12نى چۇۋۇدى، كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىڭ يېڭىلىنىش نىسبىتى %38 بولدى، 2 - پەسىلدە كۈتۈۋالغان كۆرۈرمەن 250 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستى. بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە كۆرۈرمەنلەر ئېقىمى زور بولۇشقا قارىتا، شەنبە كۈنى ساراينى ئىككى سائەت كېچىكتۈرۈپ تاقاشنى يولغا قويدى، ئانا - بالا ئۆيى قاتارلىق خەلققە قولايلىق ئەسلىھەلەرنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلدى، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئەرز قىلىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى، بىر قاتار تۈزىتىش تەدبىرلىرى كۆزنەك مۇلازىمىتىنىڭ سۈپەت ۋە ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
يېقىندا قورغاس شەھىرى ئوۋلۇ جىڭديەن . گۇەنلەنفۇ (3 - بۆلەك) تۈرى ئاپتونوم رايوننىڭ قۇرۇلۇش تۈرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ئارقىلىق بىناكارلىق قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازەتنامىسىنى ئىلتىماس قىلىپ بېجىردى. «قوبۇل قىلىشتىن بېجىرىپ بولغۇچە ئىككى سائەتلا ۋاقىت كەتتى. ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكىنى بۇنچىلىك تېز بېجىرىپ بولۇشنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، تۈردە ئىش باشلاش ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقىتنى قولغا كەلتۈردۇق، قولايلىق تىجارەت - سودا مۇھىتى بىزنى تېخىمۇ غەيرەتكە ئىگە قىلدى» دېدى بۇ تۈرنىڭ مەسئۇلى لېي رۇجۈن.
بۇ، قورغاس شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى تېخىمۇ ئەلا بولغان مەمۇرىي ئىشلار مۇھىتى يارىتىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «تولۇق زەنجىرلىك توردا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش + پۈتۈن جەريانلىق ياردەملىشىپ بېجىرىش، ۋاكالىتەن بېجىرىش» مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلغانلىقىدىن بولدى. قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن پەقەت ئاپتونوم رايوننىڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى باشقۇرۇش سىستېمىسىغا يەر ئىشلىتىشنى تەستىقلاش رەسمىيىتى، پىلان ئىجازەتنامىسى قاتارلىق ئون تۈرلۈك مۇھىم ھۆججەتنى يوللىسىلا، سىستېما ئاپتوماتىك ھالدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئالدىن تەكشۈرۈشنى قوزغىتىدۇ، خىزمەتچى خادىمنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن «شىنجاڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش بۇلۇتى» سۇپىسى ئارقىلىق دەرھال ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكا تارقىتىپ بېرىلىپ، ئىلتىماس قىلىش، تەكشۈرۈش، كىنىشكا تارقىتىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنىڭ سۈرئىتىنى ئۆستۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
دىققەتنى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئاغرىق نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا كۈچىدى. قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ بىرىنچى سەپكە چۆكۈپ خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىشى، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆككەن» مۇلازىمەت ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ئىشلارنى ياخشى بېجىردى. ئاھالىلەرنىڭ شەھەر رايونى ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى ياخشىلاش، تېخىمۇ كۆپ باغچە قۇرۇشنى ئارزۇ قىلىشتەك ئىلتىماس - تەلەپلىرىگە قارىتا، مايتاغ رايونى «يېشىللىق ئىشلىرىنى» ماھىرلىق بىلەن قىلىپ، قۇرۇلۇپ بولغان كۆكەرتىش تۈرلىرىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇپ، كېڭەيتىپ قۇرۇپ، ئىچكى ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بوش يەر بولسىلا يېشىللىق بەرپا قىلىپ، خاس گۈل - گىياھ ۋە چاتقال ئۆستۈرۈپ، ئۈچ جايدا كىچىك باغچە بەرپا قىلىپ، ئاھالىلەر تەبىئەتنى ھېس قىلىدىغان، ئارام ئالغاچ سەيلە قىلىدىغان ياخشى جايغا ئايلاندۇردى.