ئەركىن تۇنىياز بايىنغولىن ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
كۈچەپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، يۈكسەلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، بۈگۈر، 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بۈگۈر ناھىيەسى، كورلا شەھىرىگە كېلىپ، چوڭ تۈرلەر، مەدەنىيەت - ساياھەت، مۇقىملىقنى قوغداش، «يازنىڭ ئۈچ ئىشى» خىزمىتى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، مەسئۇلىيەتنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، كۈچەپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، يۈكسەلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ قوشۇش كېرەك.
بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ يېڭىسار كان رايونى تاللىق 2 - نومۇرلۇق كان قۇدۇقىدا، ئەركىن تۇنىياز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى، قۇدۇق ئېغىزىغا كېلىپ، كۆمۈر كان مەسئۇللىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ كارخانىنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىپ، ئىش مۇددىتىنى تەتۈر ساناق بويىچە تىزىپ، بالدۇر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىپ، تىرىشىپ بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاقىل كان قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ماھىيەتلىك بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، ئامىل كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى غەربىي شىمال نېفىتلىكى شۆبە شىركىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق بازىسىغا كېلىپ، ئالدىنقى يېرىم يىللىق نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: دىققەتنى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ زاپاسنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، كۆپ ئىشلەپچىقارغىلى بولسىلا كۆپ ئىشلەپچىقىرىپ، بايىنغولىن ئوبلاستى سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا كۆپرەك تۆھپە قوشۇش كېرەك.
غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى مۇزېيى ئېچىلغاندىن كېيىن، ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. ئەركىن تۇنىياز كۆرگەزمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: تارىخنى قېزىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلىش مەزمۇنىنى بېيىتىپ، جۇڭگو دۆلەت مۇزېيى ھەم قېرىنداش ئۆلكىلەردىكى مۇزېيلار بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇزېينى ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەيدىغان ئۈنۈملۈك ۋاسىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز بۈگۈر پۇقراۋى ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا كېلىپ، تۈر سۈرئىتى، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى يىرىك پىلانى قاتارلىقلارنى ئىگىلىدى، قىيىنچىلىقلارنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئەتراپتىكى يانداش ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆز قەرەلىدە تىجارەتكە كىرىشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇ يەنە خۇامېي شېڭدى كورلا ۋەنلى مېھمانسارىيى توپى تۈرى نەق مەيدانىغا كېلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: داڭلىق ماركا ئۇسلۇبىنى نامايان قىلىپ، ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمالىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز كېۋەزلىككە كىرىپ، كېۋەزنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: مۇنبەت ئېتىز، ئەلا سورت، ياخشى ئۇسۇل، ياخشى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى يۇغۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بىرلىك مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
بۈگۈر ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسىنىڭ يېڭىسار ساقچىخانىسىدا، ئەركىن تۇنىياز ئاساسىي قاتلامدىكى خەلق ساقچىلىرى بىلەن تەپسىلىي پاراڭلىشىپ، ساقچى كۈچلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش نەتىجىلىرىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئارقىلىق، قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلام ساقچىخانىلىرى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك زىددىيەتلەرنى ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلىشى، مەنبەدىن ھەل قىلىشى كېرەك.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: بايىنغولىن ئوبلاستى تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن - ئاخىر چىڭىتىپ، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، كۆمۈر، نېفىت - تەبىئىي گاز قاتارلىق نۇقتىلىق ساھە ۋە نۇقتىلىق كارخانىلارغا قارىتا تەكشۈرۈپ بېكىتىشنى كۈچەيتىپ، سانائەت ئاساسىي ھالىتىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىشى كېرەك. چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ياخشى تۇتۇپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. «يازنىڭ ئۈچ ئىشى»نىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەربىر داننىمۇ ئامبارغا كىرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىدىن ئاممىنى مەنپەئەتلەندۈرۈشى كېرەك.