ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئوتى ئىچىدە، كوممۇنىستىك پارتىيە شىنجاڭدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ دۆلەتنىڭ قىيىنچىلىقىنى يېڭىشكە ئورتاق ئاتلىنىشىغا رەھبەرلىك قىلدى

2025-07-15 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى 392 - نومۇرلۇق قورۇدا، جۇڭگو - رۇسىيە ئۇسلۇبى بىرلەشتۈرۈلگەن، پېشايۋانغا كۆك خىش بېسىلىپ قوپۇرۇلغان ئىككى قەۋەتلىك كىچىك ئىمارەت جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، كىچىك ئىمارەت بىلەن قوشنا يېڭى ساراينىڭ چوققىسىدىكى قىزىل يۇلتۇز چاقناپ تۇرىدۇ، شەكلى ھەيۋەتلىك تاغقا ئوخشايدۇ، بۇ جاي 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيى. مەملىكەت بويىچە ھازىرغىچە ساقلانغان 11 «8 - ئارمىيە ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ كونا ئورنى» ئىچىدىكى ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان، ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە خاتىرە سارىيى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ 1937 - يىلىدىن 1942 - يىلىغىچە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ شىنجاڭدا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مىللىي بىرلىك سېپىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى خەلق ئاممىسىنى دۆلەتنىڭ قىيىنچىلىقىنى يېڭىشكە ئورتاق ئاتلىنىشقا يېتەكلىگەن ئۇلۇغۋار تارىخقا گۇۋاھ بولدى.

تىيانشاندا يىلتىز تارتقان قىزىل قورغان

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلاشتىن ئىلگىرى، شىنجاڭ ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك ئورنى بىلەن ھەرقايسى تەرەپ كۈچلەر دىققەت قىلىدىغان مەركىزىي نۇقتىغا ئايلاندى. شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگرا رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم يول، ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئۆز - ئۆزىدىن مەلۇم. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭنىڭ مۇھىملىقىنى سەزگۈرلۈك بىلەن تونۇپ يېتىپ، ئۇنى مەملىكەت بويىچە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى مۇھىم ئارقا سەپ ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئالاقىلىشىدىغان كۆۋرۈك دەپ قارىدى.

1937 - يىلى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلىدى. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى چوڭ ئارقا سەپنى مۇستەھكەملەش، خەلقئارا قاتناش لىنىيەسىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭدا ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇۋاتقان شېڭ شىسەي بىلەن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مىللىي بىرلىك سېپى قۇردى. شۇ يىلى 10 - ئايدا، كېڭىشىش ئارقىلىق، 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى دىخۇا(ھازىرقى ئۈرۈمچى)دا رەسمىي تەسىس قىلىنىپ، سىرتقا قارىتا «3 - مېھمانخانا» ياكى «نەنلياڭ 3 - مېھمانخانىسى» دەپ ئاتالدى.

چېن يۈن ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق تۇنجى ۋەكىلى بولدى، ئارقىدىن تېڭ دەييۈەن، دېڭ فا، چېن تەنچيۇلار كەينى - كەينىدىن ۋەزىپىنى ئۆتكۈزۈۋالدى. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بىرلىك سەپنى مۇستەھكەملەش، پارتىيەنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، شېڭ شىسەينىڭ «جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن يېقىنلىشىش، مىللەتلەر باراۋەر بولۇش، پاك - دۇرۇس بولۇش، تىنچلىقنى ساقلاش، قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش»تىن ئىبارەت ئالتە بۈيۈك سىياسەتنى يولغا قويۇشىغا ھەمكارلىشىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىش بېجىرىش ئورنى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى ماددىي ئەشيا ۋە ئادەم كۈچى مەدىتى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ مالىيە، مائارىپ، ھەربىي ئىشلار قاتارلىق ساھەلىرىدە ئىسلاھ قىلىشنى يولغا قويۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۇرۇقىنى چاچتى.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى، 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مۇدىرلىرى» كۆرگەزمە رايونىدا، دېڭ فا، چېن تەنچيۇ قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلار ھايات ۋاقتىدا ئىشلەتكەن كىيىم - كېچەك، يۇڭ ئەدىيال، قۇلاقچا قاتارلىق بۇيۇملار كىشىنى تەسىرلەندۈرەتتى. دەۋر تۇيغۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بۇ بۇيۇملارغا ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئەينى يىللاردىكى شىنجاڭدىكى خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئىزنالىرى مۇجەسسەملەنگەن. دېڭ فانىڭ ئۇچقۇچىلار كىيىدىغان ئالىچىپار، كونا قۇلاقچىسىنىڭ جىيىكى، سارغىيىپ كەتكەن بىر پارچە «يېڭى جۇڭخۇا گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان ئۇ يازغان «ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى توغرىسىدا» ناملىق ماقالە ئۇنىڭ شىنجاڭدا ئاۋىياتسىيە ئەترىتىنى تەشكىللەپ قۇرغانلىقى، «شىنجاڭ گېزىتى»نى تەرتىپكە سېلىپ كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشۋىقاتى ئۈچۈن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا ئىلھام بەرگەنلىكىدىن ئىبارەت قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى دەلىللەپ تۇراتتى.

8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى لو شاشا كۆرگەزمە ئىشكاپىدىكى بىر سېرىق رەڭلىك يۇڭ ئەدىيالنى كۆرسىتىپ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇنى 1939 - يىلى 5 - ئايدا، چېن تەنچيۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ۋەتەنگە قايتىش پەيتىدە، بىر پېشقەدەم بولشېۋىك ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان. شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇ بۇيرۇققا بىنائەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ۋە 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مەسئۇلى بولغان، بۇ يۇڭ ئەدىيال ئۇنىڭ جاپالىق ئۈچ يىلنى ئۆتكۈزۈشىگە ھەمراھ بولغان. 1942 - يىلى يازدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ چېكىنىشىگە قوشۇلغان. چېن تەنچيۇ ئۆزىنى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈمگە تىزغان، ئۇ: «بىرلا يولداش قالسىمۇ، مەن كەتسەم بولمايدۇ» دەپ بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ سەپدىشى جېڭ يىڭ يەنئەنگە قايتىش ئالدىدا، يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، چېن تەنچيۇ يۇڭ ئەدىيال ۋە كىيىم - كېچەكلەرنى ئىنقىلابىي سەپداشلىرىنىڭ سەپەردە سوغۇقتىن دالدىلىنىشى ئۈچۈن بەرگەن. كۆرگەزمە ئىشكاپىدىكى كونىراپ رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن قارا رەڭلىك خۇرۇم پەلتو، قارا رەڭلىك قۇلاقچا، يۇڭ شارپا، كۇرۇشكا، ئىلگىرى ئۇنىڭ سەپداشلىرىغا ئىللىقلىق ۋە ئىشەنچ بېغىشلىغان بۇ بۇيۇملار بۈگۈنگىچە ئەتىۋارلىنىپ ساقلانماقتا. «ئۇلارنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ 1 - دەرىجىلىك ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» دېدى لو شاشا.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ئىسلاھ قىلىش چوغى

1938 - يىلىدىن باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يەنئەن، «يېڭى ئەسكەرلەر گازارمىسى» ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقان كادىرلار ئارىسىدىن 130دىن ئارتۇق كىشىنى ئاجراتتى، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا شىنجاڭنىڭ مەمۇرىيەت، مالىيە، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق ساھەلىرىگە بېرىپ خىزمەت قىلدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دېڭ فا، چېن تەنچيۇ، ماۋ زېمىن قاتارلىق رەھبەرلەرمۇ، شۇنداقلا لىن جىلۇ قاتارلىق ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىمۇ بار ئىدى. ئۇلار تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا باردى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ھاياتىي كۈچكە تولغان مەنزىرىلەر بارلىققا كەلدى.

مالىيە ساھەسىدە، ماۋ زېمىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتىنىڭ مۇۋەققەت نازىرى بولدى، ئۇ پۇل تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، باج يىغىشنى تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق، شىنجاڭ مالىيەسىنى زىيان تارتىشتىن پايدا ئېلىشقا ئۆزگەرتتى. مائارىپ سېپىدە، لىن جىلۇ شىنجاڭ شۆيۈەنىنىڭ ئىلمىي باشقارما باشلىقى بولۇپ، يەنئەندىكى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ھەربىي سىياسىي داشۆسىنىڭ ئەندىزىسى بويىچە مەكتەپ باشقۇرۇپ، زور تۈركۈم ئىلغار ياشلارنى يېتىشتۈردى. مەدەنىيەت تەشۋىقاتى جەھەتتە، كوممۇنىستلار رىياسەتچىلىك قىلغان «شىنجاڭ گېزىتى»دە ماۋ زېدۇڭنىڭ «ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئۇرۇش توغرىسىدا» قاتارلىق كۆپلىگەن ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى ھەم ھەجۋىي رەسىم رەسسامى لۇ شاۋفېينى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا دائىر 1000 پارچىدىن ئارتۇق ھەجۋىي رەسىم ئىجاد قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، رەسىملەرنى دىخۇا كوچىلىرىدا ئېسىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.

دۆلەت ئىچى مەدەنىيەت ساھەسىدە زور تەسىرگە ئىگە بىر تۈركۈم ئىلغار زاتلار، مەسىلەن: شېن يەنبىڭ (ماۋ دۇن)، جاۋ دەن، ۋاڭ ۋېييى قاتارلىقلار ئارقا - ئارقىدىن شىنجاڭغا كېلىپ، 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ رەھبەرلىكىدە، كوممۇنىستلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ماركسىزم - لېنىنىزمنى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئىدىيەسىنى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مىللىي بىرلىك سەپ سىياسىتىنى ۋە 4 - ماي يېڭى مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئويغىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

سارايغا «ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ تەجرىبىلىرى ۋە جۇڭگونىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى» «يېڭى سىنىپلار توغرىسىدا» «بۇرۇلۇش مەزگىلىدىكى جۇڭگو» «خەلق ئاممىسىنى سەپەرۋەر قىلىش توغرىسىدا» «جۇڭگو ھازىرقى زامان ئىنقىلاب تارىخى» قاتارلىق ئەينى چاغدا ماركسىزم - لېنىنىزم ۋە ئىنقىلاب ئېڭىنى تەشۋىق قىلغان كىتاب - ژۇرناللار ھەم شىنجاڭ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ناخشىسىنىڭ قول يازما نۇسخىسى، فاشىزمغا قارشى تۇرۇش مەزمۇنى ئويۇلغان ياغاچ ئويمىلار، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى تەشۋىقات ھەجۋىي رەسىملىرى، يەنە 1940 - يىلى جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ دىخۇا غەربىي باغچىسى (ھازىرقى ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق باغچىسى)دا ئاممىۋى يىغىن ئاچقان چاغدىكى كونا سۈرەتلەر قاتارلىقلار تىزىلغان. بۇ قىممەتلىك كۆرگەزمە بۇيۇملىرىدىن ئەينى چاغدىكى كوممۇنىستلارنىڭ شىنجاڭدا مەدەنىيەت ئاقارتىشى ئېلىپ بارغانلىقى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى تەشەببۇسى ۋە ئىلغار ئىدىيەنى تەشۋىق قىلىشتىن كۆتۈرۈلگەن شىددەتلىك دولقۇننى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىنى بېرىپ بولغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 60 - ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئارزۇگۈل مەمەت ساۋاقداشلىرى بىلەن ۋەدىلەشكىنى بويىچە خاتىرە سارايغا كەلدى، ئۇلار ئاۋىياتسىيە تەربىيەلەش كۇرسى كۆرگەزمىسى ئالدىدا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە شىنجاڭدا خېلى بۇرۇنلا ئاۋىياتسىيە بويىچە تەربىيەلەش بار ئىكەن، ئەجدادلىرىمىز بەكلا قالتىس ئىكەن!»

پۈتۈن شىنجاڭ ئورتاق بەرپا قىلغان ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى سېپىلى

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، خەلقئارانىڭ جۇڭگوغا ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرى شىنجاڭ ئارقىلىق ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئالدىنقى سېپىگە ئۈزلۈكسىز توشۇلدى، شىنجاڭ خەلقئارانىڭ جۇڭگوغا ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشتىكى مۇھىم يولغا ئايلاندى.

خاتىرە سارايدا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن جىس 5 ناملىق يۈك ئاپتوموبىلى بار. بۇ خىل يۈك ئاپتوموبىلى قايتىش سەپىرىدە قوي يۇڭىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆپلەپ توشۇغانلىقى سەۋەبلىك، خەلق ئىچىدە «قوي يۇڭى ئاپتوموبىلى» دەپ ئاتالغانىدى. 1938 - يىلى 1 - ئايدا، سوۋېت ئىتتىپاقى جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ھەدىيە قىلغان جىس 5 ناملىق يۈك ئاپتوموبىلىدىن 500ى ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىدىن سېتىۋېلىنغان 1500 توننىدىن ئارتۇق بېنزىن شىنجاڭ قومۇل ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا لەنجوۋغا توشۇلۇپ، خېشى كارىدورىدا كەڭ كۆلەملىك ئاپتوموبىل تىرانسپورت تارىخىنى ياراتتى.

شىنجاڭ خەلق ئاممىسىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسى، شىنجاڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش بويىچە ئارقا سەپ ياردەم بېرىش بىرلەشمىسى قاتارلىق ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش كوللېكتىپىنىڭ تەشكىللىشى ۋە رەھبەرلىكىدە، 1936 - يىلىدىن 1943 - يىلىغىچە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قىشلىق كىيىم - كېچەك توپلاش ھەرىكىتى، ئالتۇن ئىئانە قىلىش ھەرىكىتى، ئاياغ - پايپاق تىكىپ ھەربىيلەردىن ھال سوراش ھەرىكىتى قاتارلىق ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بويىچە داغدۇغىلىق ئىئانە توپلاش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، پەقەت 1937 - يىلى 9 - ئايدىن 1940 - يىلى 5 - ئايغىچە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بويىچە ئىئانە قىلغان پۇلنى تەڭگىگە سۇندۇرغاندا 3 مىليون 220 مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە يەتكەن. 1938 - يىلى 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، شىنجاڭدىكى 4 مىليون ھەر مىللەت قېرىنداش ئىئانە قىلغان «شىنجاڭ ناملىق» ئون كۈرەشچى ئايروپىلان چېڭدۇ ئايرودۇرۇمىدىن بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئالدىنقى سېپىگە قاراپ ئۇچۇپ، مەشھۇر ۋۇخەننى قوغداش جېڭىگە قاتناشقان.

كۆرۈرمەن ۋۇ چى مۇنداق دېدى: «سارايغا تىزىلغان كونا بۇيۇملار، سۈرەت ۋە يېزىقلار ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ جاپالىق ۋەزىيەتتە چىڭ تۇرغانلىقىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ جاپا - مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن دۆلەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان روھى مېنى ناھايىتى ھاياجانلاندۇردى».

كوممۇنىستلارنىڭ شىنجاڭدىكى تىرىشچانلىقى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشۇپلا قالماي، يەنە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىدە ئىنقىلاب ئوتىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئۆچمەس تەسىرات قالدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخىدا مۇھىم ھەم شانلىق بىر بەت پۈتتى.