− شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار مەزمۇنى مول «1 - ئىيۇل»نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى
6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، باي ناھىيەسى بۇلۇڭ يېزىسى تۆۋەنكى بۇلۇڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن بىرلىكتە پارتىيە ئەزالىرىنى تەشكىللەپ، بۇ ناھىيەنىڭ سوتسىيالىزم شۆيۈەنىدىكى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيە بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، پارتىيەنىڭ كۈرەش مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى. □ ئابدۇلئەزىز تۇرسۇن فوتوسى
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
قىزىل تارىخنى ئەسلەپ، مەنىۋى تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇش؛ قىزىل ئىزلارنى ئىزدەپ، دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈش. بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 104 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار مەزمۇنى مول «1 - ئىيۇل»نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى، شەھەرلەردىن يېزا - كەنتلەرگىچە، ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، ئامما ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.
سادىق بولۇش ئىرادىسى بىلەن، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي پارتىيەگە مەدھىيە ئوقۇش. 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) يىڭبىن يولى كوچا باشقارمىسى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى ئورنى لەنتىڭ مەھەللىسى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى پونكىتى بىلەن بىرلىكتە «قىزىل قەلبتە پارتىيە بايرىقى نۇر چاچتى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇردى» «1 - ئىيۇل»نى كۈتۈۋېلىش باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، 200دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، ئامما قىزىل ناخشا - ئۇسسۇلنى قەلەم قىلىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىنى سىياھ قىلىپ، بىر مەيدان نادىر نومۇرلارنى ئېلىپ كەلدى.
يىڭبىن شىمالىي 1 - يولى مەھەللىسى ئۇسسۇل ئەترىتىنىڭ «بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق» ناملىق نومۇرى ئۇچقۇندىن يانغىن چىققاندەك پۈتۈن مەيداننى لەرزىگە سالدى، ئارتىسلار نەپىس بەدەن ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ پارتىيەگە بولغان سەمىمىي ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. مەھەللە ئاھالىسى تاۋ لىجيې كۆزىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئۇسسۇل قەلبىمىزنى لەرزىگە سالدى، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى خۇددى دېڭىز دولقۇنىغا ئوخشاش قەلبىمىزدىن ئۇرغۇپ چىقتى».
ھېسسىيات ئارقىلىق تارىخ بايان قىلىنىپ، سىجىل كۈرەش قىلىش كۈچى مۇجەسسەملەندى. 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى كوئېنلۇن يولى كوچا باشقارمىسى نەنلىن مەھەللىسىنىڭ يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى پونكىتى «ئەتراپىمدىكى ئەخلاق ھېكايىلىرى»نى ھەمبەھرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى، «پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىل» خاتىرە مېدالىغا ئېرىشكەن پارتىيە ئەزاسى ۋاڭ چاڭجى ئۆزىنىڭ مايتاغ - كۇچا تاشيولى بىلەن بولغان ھېكايىسىنى بايان قىلدى. بۇ «مايتاغ - كۇچا تاشيولى قەھرىمانى»نىڭ بايانى مايتاغ - كۇچا تاشيولى ياسالغان ئەينى چاغدىكى كۆرۈنۈشىنى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلىپ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارغا ئاشۇ جاپالىق يىللاردا قۇرۇلۇشچىلارنىڭ قانداق قىلىپ جاپادىن، قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان روھ بىلەن بۇ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى تاماملىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.
«ۋەتەن بىزگە ئېھتىياجلىق، خەلق بىزگە ئېھتىياجلىق، بۇ بىزنىڭ شەرەپلىك بۇرچىمىز!» ۋاڭ چاڭجىنىڭ سۆزى جان تىكىپ كۈرەش قىلىش ئۇرۇقىنى ھەربىر كىشىنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇپ بىخلاندۇرۇپ، قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.
قەلب ئارقىلىق روھ تاۋلىنىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ جۇشقۇن مېلودىيەسى ياڭرىتىلدى. «1 - ئىيۇل» ھارپىسىدا، قورغاس ناھىيەسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار ۋە ھەرقايسى يېزا - بازارلار كۆپ خىل شەكىلدىكى باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. ساربۇلاق بازىرىدا دېھقان - چارۋىچى پارتىيە ئەزالىرى كەنت پائالىيەت مەركىزىگە يىغىلىپ، «مەن پارتىيە بايرىقى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشىمەن» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى؛ قورغاس ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى پاكلىق تەربىيەسى بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاپ، چىرىكلىشىش - ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى؛ ھەر مىللەت ئامما ئېسىل ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىنى رېپېتىتسىيە قىلىپ ئورۇنلىدى، شادىيانە دۇمباق ئاۋازى بىلەن «كومپارتىيە بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى»نىڭ مېلودىيەسى گىرەلىشىپ ياڭرىدى.
قېتىرقىنىپ ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ ماس قەدەمدە ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇندى. بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى زىيارەت قىلىش، ھال سوراش پائالىيىتى، سىياسىي تۇغۇلغان كۈننى بىرلىكتە تەبرىكلەش، «پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىل» خاتىرە مېدالى تارقىتىش قاتارلىق «پارتىيە بايرىقى تىيانشاندا نۇر چاچتى» يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىدىيەدە تاۋلىنىش داۋامىدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى مۇستەھكەملەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىنى پارتىيە ياچېيكىسى يېڭىدىن قۇرۇلغان 187 پۇقراۋى كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتىغا پارتىيە قۇرۇلۇشى يېتەكچىسى تاللاپ ئەۋەتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق پۇقراۋى كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قانداق يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، پۇقراۋى كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.
پاكلىق ئارقىلىق قەلب ئوزۇقلاندۇرۇلۇپ، پاك - دۇرۇس بولۇش يېڭى كەيپىياتى يارىتىلدى. 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، كۈيتۈن شەھىرى ئىتتىپاق كوچىسى كوچا باشقارمىسى «چېۋەر قول ئارقىلىق پاكلىق قەغەز قىيمىسى قىيىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پاك ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كوچا باشقارمىسىغا قويۇق پاكلىق مەدەنىيىتى كەيپىياتى قوشتى. كوچا باشقارمىسى، مەھەللىلەردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ساقچىخانىدىكى خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلار، ئاھالىلەر قىزغىن قاتنىشىپ، قەغەز قىيما ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، قىزىل قەغەزدىن پاكلىققا سىمۋول قىلىنغان نېلۇپەر، يېشىل بامبۇك قاتارلىقلارنى قىيىپ چىقىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىش بىلەن بىللە پاكلىق تەربىيەسىنى قوبۇل قىلدى. بۇ كوچا باشقارمىسىنىڭ شۇگۇاڭلى مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چيەن مۇنداق بىلدۈردى: پائالىيەتتە ھەم جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىندى، ھەم قاتناشقۇچىلارنىڭ ئەمەلىيەت داۋامىدا پاك - تەلەپچان بولۇشقا بولغان تونۇشى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى.
خەلق ئاساس قىلىنىپ، مۇلازىمەت ئاممىنىڭ يېنىغىچە يەتكۈزۈلدى. 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن باشلاپ، توققۇزتارا ناھىيەسى «خالىس كېسەل كۆرۈپ خەلق قەلبىنى ئىللىتىش . <1 - ئىيۇل>دا ساغلاملىق يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ھەرقايسى كەنت (مەھەللە) پارتىيە ياچېيكىلىرى توققۇزتارا ناھىيەلىك باش دوختۇرخانىدىكى كەسپىي دوختۇر - سېسترا ئىختىساسلىقلىرى بىلەن بىرلىشىپ «يىلۇ ئاۋانگارت پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى»نى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى ئېلىپ كەنت(مەھەللە)لەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىنىڭ كېسىلىنى خالىس كۆردى، پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزى ساغلاملىق يەتكۈزۈشتىكى ئىللىق جايغا ئايلاندى. «ئىشىك ئالدىمىزدىلا كەسپىي مۇلازىمەتتىن بەھرىلەندۇق، كۆڭلىمىزدىكىدەك ئىش بولدى» دېدى توققۇزتارا بازىرى تىرمان مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى لى شىنشېڭ ھاياجانلانغان ھالدا.
مېھىر - مۇھەببەت ئارقىلىق مايسا يېتىشتۈرۈلۈپ، پارتىيەنىڭ شانلىق نۇرى ئارقىلىق چېگرا رايوننىڭ كەلگۈسى يورۇتۇلدى. 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاقسۇ چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى يېڭىئاۋات چېگرا ساقچىخانىسى پارتىيە ياچېيكىسى مېھرىبان زاتلار بىلەن بىرلىشىپ، قىيىنچىلىقى بار 20دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا ئۆگىنىش بۇيۇملىرى ئىئانە قىلىپ، مېھىر - شەپقەت كۆۋرۈكى بەرپا قىلدى، خەلق ساقچىلىرى ئوقۇغۇچىلارغا پارتىيەنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىپ، ئۇلارنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئېسىل پەزىلەت يېتىلدۈرۈپ، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشىدىغان كىشىلەردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەبەسسۇمى بىلەن خەلق ساقچىلىرىنىڭ «ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشقا ئىرادە باغلاپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش» دېگەن ئۈمىدى بىر - بىرىگە ھۆسن قوشتى، قىزىل ئېتىقاد چېگرا رايوندىكى مەكتەپلەردە يىلتىز تارتىپ بىخ سۈردى.
شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن «1 - ئىيۇل»نى تەبرىكلەش مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەردە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ پارتىيەگە بولغان ساداقىتى ۋە قىزغىن مۇھەببىتى نامايان قىلىنىپ، كىشىلەر قەلبى يەنىمۇ مۇجەسسەملەندى، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش قىزغىنلىقى ئۇرغۇتۇلدى.
(مۇخبىر فەن چيۇڭيەن، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ دۇڭمېي، جاڭ يۈنمېي، لى لىن)