بۇرچنى ئورتاق زىممىگە ئېلىپ، يېڭى مۇساپىنى باشلاش

2025-07-11 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

− 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدىن خاتىرە

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي

پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرغان پەيتتە، 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى خوتەندە ئېچىلدى، يىغىندا ئىلگىرىلەش نەتىجىلىرى خۇلاسىلەندى، خىزمەت تەجرىبىلىرى ئالماشتۇرۇلدى، نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يىراقنى كۆزلەپ چوڭقۇر ئويلاندى، يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپ كۈچلىرى بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، بۇرچنى ئورتاق زىممىگە ئېلىپ، بوشاشماي تىرىشىپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ بۇرغىسىنى يەنە بىر قېتىم چالدى.

داۋاملىق كۈرەش قىلىنىپ، مول نەتىجىلەر يارىتىلدى − بۇ قېتىمقى يىغىندا ئىككى يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى يارقىن نەتىجە قەغىزى تەرىپلەندى.

شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ئاساسى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاندى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ياخشى ۋەزىيەت نامايان بولدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، ئالىي مائارىپتا بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى... 9 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مۇلازىمەت قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى.

يىغىن مەزگىلىدە، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر نەق مەيدانغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش نەتىجىلىرىنى تەكشۈردى، يىغىندا پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى، خىزمەتلەرنىڭ يارقىن نۇقتىسى ۋە نەتىجىلىرىنى رەتلەپ چىقتى.

«2023 - يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %70ىدىن كۆپرەكى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا سېلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 80 باغچە رايوننى قۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ياردەم بېرىلىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردىكى 120 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇندى».

«مەركەز كارخانىلىرى شىنجاڭدا مەبلەغ سېلىش تۈرىدىن 46 مىڭنى يېڭىدىن كۆپەيتتى».

«شاڭخەي 1602 ئادەم قېتىم كادىر، ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ ئەۋەتىپ، <ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى>دە شىنجاڭغا مائارىپ، سەھىيە ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى سىجىل ئاشۇردى».

«بېيجىڭ بىلەن خوتەندىكى ئاممىنىڭ بېرىش - كېلىشى تېخىمۇ قولايلاشتى، 150 ئۇيغۇر بالا <مېنىڭ بېيجىڭدا ئائىلەم بار> قوشماقلىشىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئۆزئارا ئېجىل - ئىناق ئىكەنلىكىنى جانلىق ئىزاھلاپ بەردى».

ئەمەلىي خىزمەتلەر مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبكە پۈكۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بۇرچى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى چوڭقۇر ئىزاھلاپ بەردى.

ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان رەقەملەر ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھېس قىلغىلى، مەنپەئەتلەنگىلى بولىدىغان يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى، قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئېرىشىش تۇيغۇسىنى جانلىق نامايان قىلدى.

بۇرچ زىممىمىزدە، ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق − بۇ قېتىمقى يىغىندا يېڭى باسقۇچتىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش ۋەزىپەنامىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

يىغىنغا قاتناشقانلار گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە ئەستايىدىل قاتنىشىپ، تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارنى چوڭقۇر ئالماشتۇرۇپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئورتاق پىلانلىدى.

«ھازىر، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يېڭى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىگە يۈزلەندى.» كۆپچىلىك ئومۇميۈزلۈك مۇنداق قارىدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۇختا ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى تېخىمۇ گەۋدىلىنىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت ۋەزىپىسى تېخىمۇ مۈشكۈل بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر تېخى تۈپتىن ھەل قىلىنمىدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشتا بوشاشماي تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ.

«يېڭى ۋەزىيەتتە، بىز شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنىڭ مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۆنىلىش تېخىمۇ ئېنىق بولدى، ئىشەنچىمىز تېخىمۇ مۇستەھكەم بولدى.» شېنجېن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى شيې خەيشېڭ مۇنداق دېدى: شېنجېن يىغىندا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە ئاساسەن، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قەشقەرنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مەدەت بېرىدۇ، كۈچ قوشىدۇ.

«بۇ قېتىمقى يىغىندا خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلدى.» قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سۈن تاۋ مۇنداق دېدى: قومۇل شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن قومۇل، خېنەن ئىككى جايدىكى ئاممىنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى قويۇقلاشتۇرۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولىدۇ.

بىڭتۇەن 7 - شى خۇياڭخې شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جېڭۋېي لى خۇابىن مۇنداق دېدى: يىغىندا بېكىتىلگەن نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، شىنجاڭغا ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەردە يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.

قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك − بۇ قېتىمقى يىغىندا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش توغرىسىدا سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقىرىلدى.

«شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.» يىغىندا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ياردەم بەرگۈچى ۋە ياردەمگە ئېرىشكۈچى ئىككى تەرەپنىڭ ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدا تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«دىققەتنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىگە زىچ مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتىن قاراش، سىياسىي جەھەتتىن ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، كاللىنى باشقۇرىدىغان خىزمەتلەرنى كۆپرەك ئىشلەپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.» شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى يۈەن لياڭ مۇنداق بىلدۈردى: مەۋقەنى قەشقەرنىڭ ئېھتىياجىغا قويۇپ، يېتەكلەش خاراكتېرى، تۈرتكە بولۇش خاراكتېرى، ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرى كۈچلۈك بولغان شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان بىر تۈركۈم تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردىكى مائارىپ، سەھىيە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مەدەنىيەت، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلايمىز.

«بىز يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ ياخشى ئىشلەيمىز.» جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئىلى ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى جاۋ چىڭخۇڭ مۇنداق دېدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى يېتەكچىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كەسىپ تەرەققىياتى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىشنى ياخشى قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭغا مائارىپ، داۋالاش ئارقىلىق ياردەم بېرىشتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلققە پايدا يەتكۈزۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەشتە مىقدارنى ئاشۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىمىز.

بىڭتۇەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ گاڭ مۇنداق بىلدۈردى: يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە مەركەز كارخانىلىرىغا ماسلىشىپ تۈرگە مەبلەغ سېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نۇقتىلىق ھالدا قېزىلما بايلىق، ئېنېرگىيە - خىمىيە سانائىتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ھەم توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ سىجىل كۈچەپ، شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىمىز.