يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2025-07-08 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز خوتەن، ئاقسۇ ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار شى، شەھەرلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

خې جۇڭيوۋ ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى

7 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 6 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە بىڭتۇەن 14 - شى كۇنيۈ شەھىرى، 1 - شى ئارال شەھىرىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز بىڭتۇەن 14 - شى كۇنيۈ شەھىرى 224 - تۇەنىنىڭ خېتەي يېڭى رايونىدا ئاھالە ئېلى ئەمەرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتى، كىرىمى، پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيەلىنىش ئەھۋالىنى سورىدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئاقسۇ، 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 6 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە بىڭتۇەن 14 - شى كۇنيۈ شەھىرى، 1 - شى ئارال شەھىرىگە بېرىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاساس سالىدىغان، كەلگۈسىگە پايدىلىق بولغان، نېگىزلىك رول ئوينايدىغان خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە ئەبەدىي ئەمىنلىككە تېخىمۇ پايدىلىق بولغان ئۆزگىرىشلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

7 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 4 - كۈنىگىچە، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز خوتەن ۋىلايىتى، كۇنيۈ شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. خوتەن شەھىرى گۇجانباغ يېزىلىق ساقچىخانىدا، چېن شياۋجياڭ ئاساسىي قاتلام ساقچى كۈچلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، بىرىنچى سەپتىكى گۇڭئەن خەلق ساقچىلىرىنى سەمىمىي يوقلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مۇقىملىق شىنجاڭنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىشى، سىلەر بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ خىزمەت قىلىۋاتىسىلەر، جاپا چەكتىڭلار. كۆپچىلىكنىڭ باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، ئادەم مۇداپىئەسى، ماددىي مۇداپىئە، تېخنىكا مۇداپىئەسى تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەۋپ - خەتەرنى بايقاش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ھەل قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇقىملىق مۇداپىئە سېپىنى پۇختا توقۇشى، زىچ توقۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

چېن شياۋجياڭ خوتەن مۇزېيىغا كېلىپ، كۆرگەزمە قىلىنغان بۇيۇملارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىش - يۇغۇرۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكىنى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش تارىخىي پاكىتىنى نامايان قىلىدىغان سۆز سىستېمىسى ۋە تارىخىي ماتېرىيال سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئاممىنىڭ چوڭقۇر قەلب قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇشقا ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قەلبلەر مۇجەسسەملەنگەن، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى رىشتىنى شەكىللەندۈرۈشنى تاپىلىدى.

خوتەن تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇشتىكى مۇھىم رايون. چېن شياۋجياڭ خوتەن ناھىيەسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسى ئامما قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش نۇقتىسىغا كېلىپ، قۇملۇق گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، يۇلغۇن، توشقانزەدىكى قاتارلىقلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: قۇملۇق گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى «يېشىل شارپا»نى تېخىمۇ پۇختا توقۇپ چىقىش كېرەك. ئاممىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشتىكى رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قۇملۇق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

كۇنيۈ شەھىرىدە، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز 224 - تۇەننىڭ خېتەي يېڭى رايونىغا كېلىپ، پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىگە كىرىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى، مەھەللە مۇلازىمىتى - باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاساسىي قاتلامنى ئومۇميۈزلۈك تۇتۇش، ئاساس سېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى ياخشى قۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا دائىر خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك. چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز ئاھالە ئېلى ئەمەرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، خىزمىتى، كىرىمى، پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيەلىنىش ئەھۋالىنى سورىدى، چېن شياۋجياڭ مۇنداق دېدى: تۇرمۇشىڭلاردا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بوپتۇ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۆزۈڭلارنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقىڭلار ئارقىلىق، كەلگۈسىڭلارنىڭ چوقۇم بارغانسېرى ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

7 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن 6 - كۈنىگىچە، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز ئاقسۇ ۋىلايىتى، ئارال شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسىدە، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەم ئاقسۇنىڭ پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپى تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئاقسۇ خۇافۇ رەڭلىك توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىنى كۆزدىن كەچۈردى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمىنى كېڭەيتىشتىكى مۇھىم تۇتقا. دىققەتنى ئاجىز ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، پاختىنى ئۆز جايىدا ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، كەسىپنىڭ تەرەققىيات ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

ئاقسۇ ئالمىسى يىراق - يېقىنغا داڭلىق. چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز فېڭچىڭيۈەن دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىغا كېلىپ، مېۋىلىك باغقا كىرىپ مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئالما ئۆستۈرۈش ۋە ئىنچىكە پىششىقلاش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. چېن شياۋجياڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، باغۋەنلەرنى بىرلىكتە ئىشلەش، بىرلىكتە بېيىشقا يېتەكلەپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تۈجۈپىلەپ ئىنچىكە پەرۋىش قىلىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، داڭلىق ماركا يارىتىپ، تىرىشىپ ئالما كەسپىنى زورايتىشقا، كۈچەيتىشكە ئىلھاملاندۇردى.

ئاقسۇ شەھىرىدىكى لەڭگەر چوڭ مەسچىتىدە، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، ناماز ئوقۇش زالىغا كىرىپ، دىنىي زاتلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، جىڭشۆ ئىدىيەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەتراپتىكى ئۆزگىرىشلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، «دۆلەت ياخشى بولسا، مىللەت ياخشى بولسا، كۆپچىلىك ئاندىن ياخشى بولىدۇ» دېگەن داۋلىنى ياخشى سۆزلەپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كەڭ ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك.

ئاقسۇ شەھەرلىك ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىگە كېلىپ، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز كۆزنەكلەرنىڭ تەسىس قىلىنىش ۋە كەسىپلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئەرزىيەت، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىق كۆزنەكلەردىكى خىزمەتچى خادىملار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى ھەم مەمۇرىي مۇرەسسە، دەۋا ئىشلىرى مۇلازىمىتى قاتارلىق فۇنكسىيەلىك ئىشخانىلارغا كىرىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق دېدى: سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلار ھەر مىللەت ئاممىغا بىۋاسىتە يۈزلەنگەن، كۆپچىلىكنىڭ ئىشەنچى، ئۈمىدىگە باغلىنىشلىق ئىنتايىن مۇھىم خىزمەت. ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىنى بىر پونكىت شەكلىدە قوبۇل قىلىش، بىرتۇتاش مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش، پۈتۈن زەنجىرلىك ھەل قىلىش ئىقتىدار سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

ئارال شەھىرىدىكى تارىم تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنى شىنجاڭدىكى تۇنجى پۇقراۋى تولۇق كۇرس مەكتىپى. چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز مەكتەپ ھويلىسىغا كىرىپ، مەكتەپنىڭ يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەييارلىق خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مائارىپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق تىرەك. رايون كەسىپ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، كەسىپ تەسىس قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلمىي ياخشى ئىشلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز خوتەن ۋىلايىتى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئايرىم - ئايرىم ئاڭلىدى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ساقلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك، مۇقىملىق تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا بولغان جۇڭخۇا مىللىتى تارىخ قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىش كېرەك، سىجىل تۈردە يېتەكلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، يېتەكلەشتە كۈچلۈك بولۇش، يېتەكلەشتە تەدبىرلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىق، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشى، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ زىچ باغلىنىشىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ قوللاش سىياسىتى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال كېڭەيتىپ، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئىلمىي تۈزۈپ، مۇھىم خىزمەت، نۇقتىلىق تۈر قاتارلىقلارنى بالدۇر ياخشى پىلانلاش كېرەك. تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچنى تۇتۇپ، تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك بېجىرىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان تۈرلەرنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇپ، ئەسلىھەلەرنى ئورتاق قۇرۇش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، چوڭقۇر گىرەلىشىش، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى سىجىل تۈزەپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، لى شۈ ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.