ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

2025-08-31 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگو (بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى) چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى قۇرۇش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شاڭخەي ئېلېكتىر گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ «ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»ىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، ئۇنى ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك ئۆرنەككە ئايلاندۇرۇش كېرەك. تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، كۆپەيتكىلى، كېڭەيتكىلى بولىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەجرىبە، ئۇسۇل ۋە تۈزۈمنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق ئېچىۋېتىش سۇپىلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ باشقۇرۇپ ۋە ياخشى قۇرۇپ، سىياسەت - تەدبىرلەردىن ياخشى، تولۇق پايدىلىنىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بورتالا ئوبلاستىنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى قۇرۇلۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مەۋقەنى شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پىكىر يولى ۋە ئورۇن بېكىتمىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، رايون ئورنى، پورت، كەسىپ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، خاسلاشقان، پەرقلىق تەرەققىيات يولىدا ياخشى مېڭىش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۆت چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا، ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىپ، ھازىرقى تۈرلۈك سىياسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەۋزەللىك نۇقتىسى، ئېشىش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي جەھەتتىن بىرتۇتاش پىلانلاش، ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم ئەسقاتىدىغان، ئۈنۈملۈك قوللاش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.

يىغىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللاشقا دائىر بىرقانچە سىياسەت تەدبىرى» مۇھاكىمە قىلىندى ۋە مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنىڭ كۆلىمى - قۇرۇلمىسى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ماركا يارىتىش، كەسىپ زەنجىرىنى ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، سېلىنما، سىياسەت، تېخنىكا، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپى تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى داڭلىق ماركىسىنى يارىتىپ، بىر تۈركۈم باشلامچى كارخانىلار، زەنجىر باشلامچى كارخانىلىرىنى يۆلەپ، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى، دېھقان ئائىلىسى قاتارلىقلار بىلەن بولغان مەنپەئەتكە چېتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ھەر مىللەت دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شاڭخەي ئېلېكتىر گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كارخانىنىڭ ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا، باشقۇرۇش ۋە جابدۇق ياسىمىچىلىقى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ «شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت، ھىدروگېن زاپىسى» يېڭى ئېنېرگىيەسى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پاكىز كۆمۈر ئېلېكتىر، يېشىل كۆمۈر خىمىيە سانائىتى قاتارلىقلارنى ئورتاق ئېچىپ ۋە قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە ھەم يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق كەسىپلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىشقا جەلپ قىلىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.