خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە پاكىستان زۇڭتۇڭى زەردارى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
چېن شياۋجياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن زەردارى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن پاكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ تەۋرەنمەس دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. بۇ يىل 2 - ئايدا رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو - پاكىستان دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. يېقىندا، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بىرلىكتە يېڭى دەۋردە تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى ھەرىكەت پىلانى (2025 - يىلىدىن 2029 - يىلىغىچە)نى ئېلان قىلىپ، ئەتراپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى. جۇڭگو شىنجاڭ − يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى، شۇنداقلا جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ نامرات، ئارقىدا قالغان، بېكىنمە ھالەتتىن گۈللىنىش، ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلىشقىچە بولغان تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. بولۇپمۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىنجاڭ تەرەققىيات ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ زور بولغان، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشكەن تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن پاكىستاننىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا زىيارەت جانلىنىپ ۋە كۆپىيىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، ئىككى تەرەپ سودىسىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى. جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن پاكىستاننىڭ يەرلىكلەر ئارا ھەرقايسى ساھەدىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. بىز پاكىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد - سودا، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پورت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - پاكىستان ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايمىز.
زەردارى مۇنداق بىلدۈردى: ئارىدىن كۆپ يىل ئۆتۈپ جۇڭگو شىنجاڭدا يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولدۇم، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا غايەت زور نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيمەن. پاكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى تەڭداشسىز. مەن پاكىستان جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھە زاتلارنى جۇڭگو شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، پاكىستان - جۇڭگو ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرىمەن ھەم كۈچەيتىمەن. پاكىستان جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، تېررورىزمغا ئورتاق زەربە بېرىپ، دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى قەتئىي قوغداشنى خالايدۇ.
چېن ۋېيجۈن، ئېلزات ئەخمەتجان، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، جۇڭگونىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، گۇڭئەن مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.